باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
ئاپتونوم رايونىمىز 120مىليون مەبلەغ ئاجرىتىپ ، 140 مىڭ ئوقۇغۇچىنى ياردەمگە ئېرىشتۇردى
2007- 12- 04 12:51 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستاسىسى

(تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى)

      نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، دۆلەتلىك ئوقۇش ياردەم پۇلى، دۆلەتلىك ئىرادىلىكلەر ئوقۇش مۇكاپات پۇلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 120 مىليون يۈەن مەبلەغنى ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى ئالىي مەكتەپ ۋە تېخنىكوملارغا چۈشۈرۈپ بېرىپ، ئائىلىسى نامرات بولغان 140 مىڭ ئوقۇغۇچىنى ياردەمگە ئېرىشتۈردى .

    ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر، تېخنىكوملار ۋە كەسپىي مەكتەپلەردىكى ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بولغان ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش سىياسەت سىستېمىسى—دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، دۆلەتلىك ئوقۇش ياردەم پۇلى، دۆلەتلىك ئىرادىلىكلەر ئوقۇش مۇكاپات پۇلى قاتارلىق 3 قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇ قېتىم ئاپتونوم رايون تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بەرگەن 120 مىليون يۈەنلىك مەبلەغ ئىچىدە، 2 مىليون 632 مىڭ يۈەنلىك ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، 46 مىليون 734 مىڭ 800 يۈەنلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇش ياردەم پۇلى، 53 مىليون 160 مىڭ يۈەنلىك كەسپىي مەكتەپ ئوقۇش ياردەم پۇلى، 11 مىليون 759 مىڭ يۈەنلىك تېخنىكا مەكتەپلىرى ئوقۇش ياردەم پۇلى ۋە 12مىليون 423 مىڭ 200 يۈەنلىك ئىرادىلىكلەر ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بار. 

   ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى پەن، مەدەنىيەت، مائارىپ باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى تۇنۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:‹‹بەلگىلىمىگە ئاساسەن، بىر ئوقۇش يىلىدا دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكەن ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بولغان ئوقۇغۇچى دۆلەتلىك ئوقۇش ياردەم پۇلىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئەمما، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دۆلەتلىك ئىرادىلىكلەر ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشەلمەيدۇ›› .  

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ