|
پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىدا: ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت بەرپا قىلىش كېرەك، بۇ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسىنىڭ يادروسى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ھالقىسى، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەم جۇڭگوچە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەكلىكى ئېنىق تەلەپ قىلىندى. 2020–يىلىغا بارغاندا دۆلىتىمىزنىڭ ئۆزئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، پەن– تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەتلەر قاتارىغا كىرىدۇ.
بىرىنچى، بۇ ئىستراتېگىيىلىك ۋەزىپىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى 2020–يىلىغا بارغاندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش كۈرەش نىشانىغا يېتىشكە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئېھتىياجى. تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشتە زور ئىلگىرىلەش بولدى، قۇرۇلمىنى ياخشىلاش، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش، سەرپىياتنى تۆۋەنلىتىش، مۇھىتنى ئاسراش ئاساسىدا ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئوتتۇرىچە ئومۇمىي قىممىتىنى 2020–يىلىغا بارغاندا 2000–يىلىدىكىدىن ئىككى قاتلاش ئۈچۈن، پەن – تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە ئۆزئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچلۈك تايانچ قىلىش، دۆلىتىمىزنىڭ ئوتتۇرىچە ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتى ۋە ئاشۇرما قىممىتى تۆۋەن، بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئەشيا، ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى بولۇش، ئېكولوگىيە مۇھىت بەدىلى يۇقىرى بولۇشتەك ھازىرقى ئەھۋالنى چوقۇم ئۆزگەرتىش كېرەك.
ئىككىنچى، بۇ ئىستراتېگىيىلىك ۋەزىپىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى دۇنيا پەن – تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ رىقابەتلىشىش كۈچىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئېھتىياجى. دۆلىتىمىزدە ئېنېرگىيە بايلىقى، سۇ بايلىقى، يەر بايلىقىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن، ئېكولوگىيىلىك مۇھىت ئىنتايىن نازۇك، بۇ ئامىللار ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى كۈنسېرى قاتتىق چەكلىمەكتە. ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى جەريانىدا كارخانىلار بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان خەلقئارا رىقابەت بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە، جۇڭگوچە ئۆزئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش— تۈپ چىقىش يولى.
پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك پەن – تېخنىكا تەرەققىيات پىلانى تىزىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەلەپ قىلىندى. بۇنىڭ ئۈچۈن ‹‹ئۆزئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش، نۇقتىلىق ھالقىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، كەلگۈسىگە يېتەكچىلىك قىلىش›› يېتەكچى فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىلىم – پەندە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، پەن – تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋە پەن – تېخنىكا ئىنقىلابى دەۋرىدە پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىك ھەم خىرىسلارغا تەمكىنلىك بىلەن تاقابىل تۇرۇش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسى، ئىلغار ئىجادچان مەدەنىيەت، ئىجادچانلىق بىلەن ئىگىلىك تىكلەشتە ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىيات، ھاياتىي كۈچكە تولغان يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى ۋە مىللىي مائارىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشتا ئەقىل – پاراسەتنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىجادچان ئىختىساسلىقلارنى زور تۈركۈمدە يېتىلدۈرۈپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن ئاشۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، 2020–يىلىغا بارغاندا ئىجادچان دۆلەتلەر قاتارىغا كىرىش نىشانىغا يېتىش كېرەك.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ خەۋىرى)
|