|
(تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى)
قۇمۇل ۋىلايىتى نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشنى ئاساس قىلغان‹‹1+1›› ئوقۇشقا ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يېزىلاردىكى ئائىلىسى نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشتىن چېكىنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالدى.
قۇمۇل ۋىلايىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئائىلىسى نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشنى شەھەر، يېزا- بازارلاردىكى نامرات ئائىلىلەرگە ياردەم بېرىش خىزمىتى بىلەن ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ، مۇئاۋىن بۆلۈم دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلار، ئوتتۇرا دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئۇنۋانى بار ئوقۇتقۇچى، مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرىدىكى كادىرلارنى بىردىن ئائىلىسى نامرات ئوقۇغۇچىغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش تۈرىنى يولغا قويدى. فونكىسىيىلىك تارماقلارنىڭ زىچ ماسلىشىشى بىلەن ئائىلىسى نامرات ئوقۇغۇچىلار فوندى تەسىس قىلىپ، دۆلەتنىڭ 5 مىليون 20 مىڭ يۈەن مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېزىلاردىكى توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپ باسقۇچىدىكى 28 مىڭ 230 ئوقۇغۇچىغا ياردەم قىلدى ھەم بۇ ئوقۇغۇچىلار ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك 2 مىليون 510 مىڭ يۈەن پۇلىنى كەچۈرۈم قىلدى. يېزا–قىشلاقلاردىكى ئائىلىسى نامرات 1980 ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر بىرىگە يىلىغا 500 يۈەندىن تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىپ، ئۇلارنىڭ يېزىدىن شەھەرگە كىرىپ، شارائىتى ياخشى مەكتەپلەردە ياتاقتا يېتىپ ئوقۇشىغا ياردەم قىلدى. بۇلتۇر ئەتىياز ۋە كۈزدە يېزىلاردىكى 102 مىڭ 598 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ 5 مىليون 520 مىڭ يۈەنلىك دەرسلىك ھەققىنى كەچۈرۈم قىلدى. يەنە مائارىپ تارماقلىرىنىڭ تەشەببۇس قىلىپ ماسلاشتۇرۇشى نەتىجىسىدە ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى، ئىشچىلار ئويۇشمىسى، ئىتتىپاق تەشكىلاتى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئالاقە يوللىرىنى كېڭەيتىپ، رايون ئىچى ۋە سىرتىدىكى مەرىپەتپەرۋەر كىشىلەر، گۇاڭدۇڭلۇق كادىرلار، كارخانىچىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىچىلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بىر مىليون يۈەنگە يېقىن ياردەم پۇلىنى قولغا كەلتۈرۈپ، 500 دىن ئوشۇق ئائىلىسى نامرات ئوقۇغۇچىنىڭ تۈرلۈك چىقىملىرىنى تۆلەپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ خاتىرجەم ئوقۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. قۇمۇل شەھىرى دوستلۇق يولى بازىرىدىكى يەككە تىجارەتچىلەر ھەر يىلى 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل ۋە ماددى بويۇم ئىئانە قىلىپ، ئوقۇش پۇلىنى تۆلىيەلمىگەن 100دىن ئوشۇق نامرات ئائىلە پەرزەنتلىرىگە ئوقۇش ياردىمى بېرىشىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى.
|