|
(تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى)
يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، ئۈچتۇرپان ناھىيىسى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلاردىن 32 مىليون 860 مىڭ يۈەن مەبلەغ ھەل قىلىپ، 35 مەكتەپنى ئۆزگەرتىپ سېلىش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، ئوقۇ- ئوقۇتۇش شارائىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىدى. بولۇپمۇ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، دۆلەت، ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، 12 مىليون 714 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ناھىيە بازىرىدىكى 4 مەكتەپنى نۇقتىلىق ئۆزگەرتتى.
بەش يىلدىن بۇيان، ئۈچتۇرپان ناھىيىسى مەكتەپلەرنڭ ئوقۇ- ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاشقا بولغان سېلىنمىنى زورايتىش بىلەن بىرگە، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خادىم ئىشلىتىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويدى. ئوقۇتقچىلارنى كومپىيوتېر، يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش، خەنزۇ تىلىدا كۈچەيتىپ تەربىيىلەش قاتارلىق كۇرسلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى. ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەتنىڭ قوش تىل ئوقۇتۇش مېخانىزمىنى يولغا قويۇش ئىستراتېگىيىسىگە ئاساسەن، بۇ ناھىيە ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، تۈرلەرگە بۆلۈپ يېتەكچىلىك قىلىش پىرىنسىپى بويىچە قوش تىل ئوقۇتۇش نىسبىتىنى پائال ئىلگىرى سۈردى. نۆۋەتتە ناھىيە بويىچە ئېچىلغان قوش تىل سىنىپى 53 كە، ئومۇمىي ئوقۇغۇچى 2 مىڭ 100 گە يەتتى. يۇقىرىقىدەك بىر قاتار خىزمەتلەرنىڭ ياخشى ئىشلىنىشى نەتىجىسىدە، بۇ ناھىيىنىڭ ئوقۇ- ئوقۇتۇش سۈپىتى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى تولۇقسىز سىنىپلىرى، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتۈش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى تولۇقسىز سىنىپلىرىغا ئۆتكەن ئوقۇغۇچى 2004- يىلدىكى 8 دىن بۇ يىلقى 68 گە، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئۆتكەن ئوقۇغۇچى 2002- يىلىدىكى 9 دىن بۇ يىلقى 36 گە، ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن ئوقۇغۇچى 2002- يىلىدىكى 140 تىن بۇ يىلقى 283 گە يەتتى .
|