|
پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا تەكىتلەنگەن سوتسىيالىستىك دېموكراتىيىنى كېڭەيتىپ، خەلقنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتى ۋە ئىجتىمائىي ئادىللىقنى، ھەققانىيلىقنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم تەلەپنى ئۈچ جەھەتتىن چۈشىنىشكە ۋە ئىگىلەشكە بولىدۇ.
—بىرىنچى، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇشى—سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ ماھىيىتى ۋە يادروسى. خەلق دېموكراتىيىسى—سوتسىيالىزمنىڭ جېنى. ھازىر ئېلىمىزنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسىدە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا تېگىشلىك خېلى كۆپ ھالقىلار بار، دېموكراتىيە – قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشى خەلق دېموكراتىيىسىنى كېڭەيتىش تەلىپىگە ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۆزگىرىشىگە دېگەندەك ئۇيغۇن ئەمەس، بۇ مەسىلىنى سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. پارتىيە 16–قۇرۇلتىيىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشىدىن ئىبارەت كۈرەش نىشانى بېكىتىلىپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى. پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا سوتسىيالىستىك دېموكراتىيىنى كېڭەيتىپ، خەلقنىڭ ھوقۇق– مەنپەئىتى ۋە ئىجتىمائىي ئادىللىقنى، ھەققانىيلىقنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈش يەنە تەكىتلەندى. بۇلار سوتسىيالىستىك دېموكراتىيىنى كېڭەيتىش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى.
ئىككىنچى، خەلقنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈش—سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ تەلىپى. ئىنسانىي ھوقۇقتىن تولۇق بەھرىمەن بولۇش—ئىنسانىيەت بوشاشماي ئىنتىلىدىغان گۈزەل غايە ۋە جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم بەلگىسى. ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو كومپارتىيىسى ۋە جۇڭگو خەلقى مىللىي مۇستەقىللىقنى، خەلقنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئىنسانىي ھوقۇقتىن تولۇق بەھرىمەن بولۇش، ئادەمنىڭ ئەركىن، ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىزچىل كۈرەش نىشانى قىلدى ھەم دۆلىتىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىنى ئاساس، ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيلىك نەتىجىلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ، جۇڭگوچە ئىنسانىي ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇردى. ئېلىمىز سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ ھەم ئۇزاققىچە تۇرىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سەۋىيىسى يەنىلا بىر قەدەر تۆۋەن، ھەر قايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈلمە، مېخانىزم دېگەندەك مۇكەممەللەشمىگەن، ئادىلسىزلىق، خىيانەتچىلىك، چىرىكلىشىش قاتارلىق مەسىلىلەر يەنىلا مەۋجۇت، خەلقنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قانداق قىلىپ تېخىمۇ كاپالەتلەندۈرۈش —جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى. كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا، خەلقنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈشتە، مۇھىمى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشى ۋە ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تايىنىش كېرەك. تار مەنىدىن ئېيتقاندا، خەلقنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈشتە سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇشقا، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە – قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە تايىنىش كېرەك. پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا تەلەپ قىلىنغاندەك، بىرىنچىدىن، دېموكراتىيە تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېموكراتىيە شەكلىنى بېيىتىپ، دېموكراتىيە يوللىرىنى كېڭەيتىپ، دېموكراتىك سايلاش، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك باشقۇرۇش، دېموكراتىك نازارەتچىلىكنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈپ، خەلقنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇش ھوقۇقى، ئىشتراك قىلىش ھوقۇقى، ئىپادىلەش ھوقۇقى، نازارەتچىلىك ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.
ئىككىنچى، دۆلەتنى قانۇن ئىدارە قىلىش ئاساسىي تاكتىكىسىدا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش قارىشىنى تىكلەپ، دۆلەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە قانۇن ئىدارە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.
ئۈچىنچى، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش— سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇشتىكى مۇھىم ۋەزىپە. ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق مەيلى قىممەت، پرىنسىپ سۈپىتىدە بولسۇن ياكى تۈزۈم، بەلگىلىمە سۈپىتىدە بولسۇن، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپىدۇر. سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى—تەرەققىي تاپمىغان سوتسىيالىزم باسقۇچىدۇر. بۇيەردىكى ‹‹تەرەققىي تاپمىغان››لىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىي تاپمىغانلىقىنى كۆرسىتىپلا قالماستىن يەنە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ دېگەندەك مۇكەممەللەشمىگەنلىكىنى ۋە دېگەندەك پىشىپ يېتىلمىگەنلىكىنىمۇ كۆرسىتىدۇ.
ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائى تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ دېموكراتىيە، قانۇن ئىدارە قىلىش ئېڭىمۇ كۈچەيدى، خەلقنىڭ ئىجتىمائىي ئادىللىقنى، ھەققانىيلىقنى قوغداش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش ئارزۇسى، ئىجتىمائىي ئادىللىقنى، ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىشقا ئاشۇرۇش تەلىپى بارغانچە كۈچەيدى. بۇ بىزدىن سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك بولۇش– قانۇن ئىدارە قىلىش، ئەركىن، باراۋەر بولۇش، ئادىل ۋە ھەققانىي بولۇش قارىشىنى تىكلەپ، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئاساسىي ئىستراتېگىيىسىنى ئەتراپلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پۇقرالارنىڭ قانۇن ئالدىدا باراۋەر بولۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداپ، سوتسىيالىستىك قانۇن – تۈزۈمنىڭ بىردەكلىكىنى، ئىززەت – ھۆرمىتىنى، نوپۇزىنى قوغدىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ھوقۇق، پۇرسەت، قائىدە ۋە تەقسىماتتا ئادىل بولۇشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان ئىجتىمائىي ئادىللىقنى كاپالەتلەندۈرۈش سىستېمىسىنى پەيدىنپەي بەرپا قىلىپ، ئىجتىمائىي ئادىللىقنى، ھەققانىيلىقنى ھەقىقىي قوغداش ۋە ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى بېيجىڭ خەۋىرى)
|