باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك
2007- 11- 27 10:35 شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ دوتسېنتى بەي لى

   پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ‹‹ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چوقۇم چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش، ياخشى قوغداش، ياخشى يۈكسەلدۈرۈشنى ئىزچىل تۈردە پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە ئاخىرقى مەقسىتى قىلىپ، خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىغا ھۆرمەت قىلىپ، خەلقنىڭ ئىجادكارلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ تۈرلۈك ھوقۇق – مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئورتاق بېيىش يولىدا مېڭىپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىمەن قىلىش كېرەك››.

   سۇبيېكتنى راۋاجلاندۇرۇش—ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇش—ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ ماركسىزمنىڭ ماتېرىيالىزملىق تارىخىي قارىشىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى بولۇپ، ئۇنىڭ ماھىيىتى ۋە يادروسىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان مۇھىم نەزەرىيىۋى ئاساس.

   خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىغا ھۆرمەت قىلىش—خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇشىنى گەۋدىلەندۈرۈش، تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەشنى، شۇنداقلا خەلقنىڭ ئەقىل – پاراسىتى، ئىجادىيىتى ۋە رولىغا ھۆرمەت قىلىپ، خەلقنىڭ ئىجاد قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىشنى؛ خەلقنىڭ مەنپەئەت ئېھتىياجىغا ھۆرمەت قىلىپ، خەلقنىڭ تۈرلۈك ھوقۇق – مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، تەرەققىياتتا خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

   بىرىنچى، تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش.  خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىش— پارتىيىنىڭ ئەڭ تۈپ سىياسىي مەيدانى، ئاممىنىڭ ساداسىنى بىرىنچى سىگنال، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى بىرىنچى يۈزلىنىش، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى بىرىنچى نىشان، ئاممىنى رازى قىلىشنى بىرىنچى ئىنتىلىش قىلىش كېرەك.

   ئىككىنچى، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش. خەلقنىڭ بەرپا قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىجادكارلىق روھىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جەمئىيەت بىلەن ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم مىليونلىغان خەلقنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى، ئۇلۇغ ئىشى. خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنى ھەر تەرەپلىمە بولىدۇ. خەلق— سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي قۇرۇلۇشنىڭ سۇبيېكتى؛ خەلق—سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنىڭ سۇبيېكتى؛ خەلق— سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ سۇبيېكتى؛ خەلق—سوتسىيالىستىك جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ سۇبيېكتى؛ خەلق—سوتسىيالىستىك ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۇبيېكتى. تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىشنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، سوتسىيالىزمنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلغىلى بولىدۇ.

   ئۈچىنچى، تەرەققىياتتا خەلققە نەپ يەتكۈزۈش. خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. خەلقنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان ئىشقا ئورۇنلىشىش، داۋالىنىش، مائارىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، جەمئىيەت ئامانلىقى قاتارلىق خەلقنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىشلىق مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى يۈكسەلدۈرۈش كېرەك .
 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ