|
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئالىي لېكتورى لى شياۋمېي
پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى:‹‹ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىي قىلغان، تۇرمۇش باياشات بولغان، ئېكولوگىيە ياخشى بولغان مەدەنىي تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، بايلىق تېجەر، مۇھىت سۆيەر جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، سۈرئەت بىلەن قۇرۇلما، سۈپەت بىلەن ئۈنۈم بىردەك بولۇش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن نوپۇس، بايلىق، مۇھىت ماس بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقنى ياخشى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتتا ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ، جەمئىيەتنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك››. بۇ يەردە ‹‹ئىمكانىيەتلىك سىجىل›› تەرەقققىيات دېگەن ئۇقۇمنىڭ ‹‹مەڭگۈلۈك››تەرەققىيات، دېگەن ئۇقۇمغا ئۆزگەرتىلگەنلىكى مۇھىم رېئال يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ ئىككى ئۇقۇمنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، بۇ داۋاملاشتۇرۇش بىلەن راۋاجلاندۇرۇش ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت. ‹‹مەڭگۈلۈك›› تەرەققىيات دېگەن قاراش تۇرغۇزۇلسا، ئىشەنچ ۋە غەيرەت تېخىمۇ ئاشىدۇ، بۇ پارتىيىمىزنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيىلىك مەسىلىدىكى قەتئىيلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھەم ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نىشانىغا يېتىش، ھەم بىز ياشاۋاتقان ئاتموسفېرا، تاتلىق سۇ، دېڭىز – ئوكيان، يەر ۋە ئورمان قاتارلىق تەبىئىي بايلىق ۋە مۇھىتنى ھەر ۋاقىت قوغداپ، ئەۋلادلىرىمىزنى مەڭگۈ تەرەققىي قىلىش ۋە خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت. بۇ پارتىيىمىزنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدىن تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويغانلىقى.
مەڭگۈلۈك تەرەققىياتنىڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان جۇڭگوغا نىسبەتەن ئەھمىيىتى زور. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىلگەن 20نەچچە يىلدىن بۇيان، ئىقتىسادنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى ۋە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ئاشۇرۇشقا بەك بېرىلىپ كېتىش نەتىجىسىدە، ئىقتىسادىي جەھەتتە بەك قىزىپ كېتىش، مۇھىت كۈنسېرى ناچارلىشىش، ھەددىدىن زىيادە ئېچىش ئېلىپ كەلگەن مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ كىشىلەرگە يەتكۈزگەن زىيىنى بارغانسېرى ئېغىرلىشىشتەك ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقتى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ كىشىلەر كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكىلا بېرىلىپ كېتىپ كەلگۈسىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ئويلىشىلمىغان ھەرقانداق تەرەققىياتنىڭ ئىلمىي، ئاقىلانە تەرەققىيات ئەمەسلىكىنى تەدرىجىي تونۇپ يەتتى.
مەڭگۈلۈك تەرەققىيات—غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان شىنجاڭغا نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم. يېڭىچە سانائەتلىشىش يولىدا مېڭىش—شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر تاللىشى، ئەمما ‹‹سەرپىيات يۇقىرى، بۇلغىنىش ئېغىر، ئۈنۈم ۋە ئىشلەپچىقىرىش تۆۋەن›› بولۇش يولىدا يەنە مېڭىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. شىنجاڭ ئېلىمىزدىكى تەبىئىي بايلىقى مول رايون بولۇش بىلەن بىللە، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى ناھايىتى ناچار رايون، مەڭگۈلۈك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئايلانما ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش بىلەن مۇھىت ئاسراشنى جانلىق بىرلەشتۈرۈش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
|