باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
‹‹ئىككى ئۆزگەرمىدى›› دۆلەت ئەھۋالىنى كۆزىتىشنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى
2007- 11- 26 10:57 شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ دوتسېنتى چىڭ جيەنجياڭ

   يولداش خۇ جىنتاۋ پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىدا بەرگەن دوكلاتىدا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئالەمشۇمۇل تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى تەھلىل قىلىپ: ئېلىمىزنىڭ  سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقى ھەم يەنىلا ئۇزاق مۇددەت تۇرۇدىغانلىقىدەك ئاساسىي ئەھۋالى ئۆزگەرمىدى، خەلقنىڭ كۈنسايىن ئېىشىۋاتقان ماددىي مەدەنىيەت ئېھتىياجى بىلەن قالاق ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي ئىجتىمائىي زىددىيەت ئۆزگەرمىدى، دەپ كۆرسەتتى. بۇ كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى راۋاجلاندۇرۇشىمىزدا ئىنتايىن مۇھىم.

   ‹‹ئىككى ئۆزگەرمىدى›› جۇڭگو  كوممۇنىستلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىگە بولغان ئوبيېكتىپ تونۇشى. ئسىلاھات، ئېچىۋېتىشتە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەردىن گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ. ئسىلاھاتنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى، خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى چوڭ ئۆزگىرىش، خەلقنىڭ يېڭى ئارزۇسى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى تەلىپى تۈپەيلىدىن، كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ماددىي مەدەنىيەت ئېھتىياجى بىلەن قالاق ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت تېخىمۇ گەۋدىلىنىدۇ، كىشىلەرنىڭ ئىدىيىۋى پائالىيىتىنىڭ كۆپ خىللىشىشى جەمئىيەتتىكى ئاساسىي زىددىيەتكە يېڭى خىرىس ئېلىپ كەلدى. ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى دۇنيا بويىچە 4 – ئورۇندا تۇرسىمۇ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان سەۋىيىسى خېلىلا ئارقىدا. شۇڭا، ‹‹ئىككى ئۆزگەرمىدى›› دېگەن ھۆكۈم دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى ۋە ئاساسىي ئىجتىمائىي زىددىيەت توغرىسىدا سەگەكلىك بىلەن چىقىرىلغان توغرا يەكۈن .

   ‹‹ئىككى ئۆزگەرمىدى›› دۆلەت ئەھۋالىنى كۆزىتىشنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى. ‹‹ئىككى ئۆزگەرمىدى››نى تەكىتلىگەنلىك ئۆزىمىزنى بەك تۆۋەن چاغلىغانلىقىمىز، ئارقىدا قالغانلىقىمىزغا تەن بەرگەنلىكىمىز ئەمەس، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ، ئۇتۇق قازىنىشقا ئالدىرغانلىقىمىزمۇ ئەمەس، بەلكى ئۇنى ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىياتنى كۆزلەشنىڭ تۈپ ئاساسى ۋە ئاساسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قىلىشتا چىڭ تۇرغانلىقىمىز. ‹‹ئىككى ئۆزگەرمىدى››نى تەكىتلىگەندىلا بۇنىڭدىن كېيىنكى سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشتا ئەگىر – توقاي يولدا ئاز ماڭىمىز ياكى ماڭمايمىز، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، ‹‹خەلقنىڭ رازى بولۇش – بولماسلىقى، خۇشال بولۇش – بولماسلىقى›› نى كۆزدە تۇتىدىغان بىر قاتار سىياسەت – تەدبىرلەرنى تۈزەلەيمىز. خەلقنى ھەقىقىي كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ، خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلق ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلالايمىز. بۇ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشىمىزدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسى.

   ‹‹ئىككى ئۆزگەرمىدى››نى تەكىتلەش بىزدىن تونۇش جەھەتتە ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي ئورنىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي خىزمەت جەريانىدا، ئامان كۈنلەردە يامان كۈنلەرنى ئويلاپ، غەم – ئەندىشە ئېڭىنى ئاشۇرۇپ، مەغرۇرلۇق، ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، دۆلىتىمىزنى باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ