باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمەكلىرىدىكىلەر جايلاردا داۋاملىق لېكسىيە سۆزلىدى
2007- 11- 26 10:18 شىنجاڭ گېزىتى

   ئومۇملاشتۇرۇلغان خەۋىرىمىز. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلەش ئۆمەكلىرىدىكىلەر ئۈرۈمچى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدا داۋاملىق لېكسىيە سۆزلىدى.

   ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پروفېسسور گاۋ جيەنلۇڭ 21–نويابىر چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلاردىن كەلگەن 1000غا يېقىن  پارتىيە ئەزاسى، كادىرلار ۋەكىللىرىگە پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى.  ئۇ پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ ئاساسىي تېمىسىنى چۆرىدەپ، مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى روھىنىڭ مول مەزمۇنىنى ئەتراپلىق، سىستېمىلىق، جانلىق شەرھلىدى.

   ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپىنىڭ پروفېسسورى دىڭ شۇچىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۇلۇبىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى روھىدىن مەخسۇس دوكلات بېرىش يىغىنىدا، پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ ئاساسىي تېمىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا، 17–قۇرۇلتاي دوكلاتىنىڭ مول مەزمۇنى ۋە مۇھىم ئەھمىيىتىنى شەرھلىدى. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ مالىيە – ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق 20ئالىي مەكتەپنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، فاكۇلتېت مۇدىرلىرى، باشقارما باشلىقلىرى، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى، مائارىپ نازارىتى ئورگىنىدىكى مەسئۇل يولداشلاردىن بولۇپ 1000دەك كىشى دوكلاتنى ئاڭلىدى.

   ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئادىل خالىق 21–نويابىر ئاتۇش شەھىرىدە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى مىڭغا يېقىن كادىرغا  دوكلاتتىن لېكسىيە سۆزلىدى. لېكسىيىدىن كېيىنكى سۆھبەت يىغىنىدا، كادىرلار، دېھقانلار، كارخانا ۋەكىللىرى: پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىدا ئېلىمىزنىڭ ئۇلۇغۋار نىشانى سۈرەتلەپ بېرىلدى، بىز ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك، دېدى.

   قاراقاش ناھىيىسى قاراقاش بازارلىق رادىئو ئۇزېلىنىڭ باشلىقى ئاتىخان ئابدۇراخمان: ‹‹لېكسىيىنى ئاڭلاپ، 17–قۇرۇلتاي روھىغا بولغان چۈشەنچەم تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى›› دېدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋەلى بارات 20–نويابىردىن 21–نويابىرغىچە قاراقاش، كېرىيە ناھىيىلىرىدە لېكسىيە سۆزلىدى. ئاتىخان ئابدۇراخمان لېكسىيىنى رادىئو ئارقىلىق يېزىدىكى بارلىق دېھقانلارغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن، ئۇنى نەق مەيداندا ئۈنئالغۇغا ئېلىۋالدى. كېرىيە ناھىيىسىنىڭ كۆكيار يېزىسىدىكى دېھقان ئىبراھىم روزى ناھىيىگە لېكسىيە  ئۆمىكى كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، سەھەردىلا 20نەچچە كىلومېتىر يولنى بېسىپ ناھىيىگە كەلدى. يىغىن مەيدانىدا ئۇ دوكلاتنى ئاڭلىغاچ خاتىرە قالدۇردى. ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسى›› گە ئالاقىدار مەزمۇنلارنى ئاڭلىغاندا، ئىختىيارسىز چاۋاك چېلىپ كەتتى.

   ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپىنىڭ پروفېسسورى خاركىم بورتالا تىياتىرخانىسىدا بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى ۋە پېشقەدەم كادىرلار ۋەكىللىرىگە پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىدىن دوكلات بەردى. ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى شى شاۋلىن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ لېكسىيە سۆزلىشى جەريانىدىكى ياخشى كەيپىيات، ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ، ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەنگەن لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتىنى ياخشى تەشكىللىشىمىز كېرەك.
 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ