|
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ دوتسېنتى يەن دىڭيىڭ
پارتىيە 17-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: ‹‹ھەممە مىللەت ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشتىن ئىبارەت ئاساسىي تېمىنى چىڭ ئىگىلەپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق ۋە ئىناقلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك››، دەپ كۆرسىتىلدى. بۇ ھۆكۈم ‹‹باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق›› ئاساسىدىكى ماركسىزملىق مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ بېيىتىلىشى ۋە راۋاجى، ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيىسى سىستېمىسىدا، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئالاھىدىلىكى ۋە يېڭى تەلىپى بويىچە چىقارغان يەكۈنى. بۇ سۆزدە ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ئىخچام ھەم توغرا ئېچىپ بېرىلگەن.
مىللەتلەر باراۋەرلىكى—پرولېتارىيات سىنىپىنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى تۈپ پرىنسىپى. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: مىللەتلەر چوڭ – كىچىك، دەپ ئايرىلماي بىردەك باراۋەر بولۇش؛ ھەممە مىللەت بارلىق ھوقۇق – مەنپەئەتتە تولۇق باراۋەر بولۇش؛ ھەممە مىللەتنىڭ مىللىي باراۋەرلىك ھوقۇق – مەنپەئىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش، ئاجىز مىللەتلەرنىڭ مەنپەئىتى ۋە باراۋەرلىك ھوقۇق – مەنپەئىتىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش؛ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ياكى تارقاق ئولتۇراقلاشقان مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى دۆلەت ئىشلىرى ۋە يەرلىك ئىشلارنى باشقۇرۇشقا باراۋەر قاتنىشىش؛ مىللەتلەر باراۋەر ھوقۇق – مەنپەئەتكە ئېرىشىش بىلەن بىللە يەنە مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى، ئىتتىپاقلىقى ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىش.
شىنجاڭ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون، مىللەتلەر مەسىلىسى شىنجاڭغا باشتىن – ئاخىر تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم مەسىلە. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىشتەك دەۋر تېمىسىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئادەمنى ئاساس قىلغان، ئومۇميۈزلۈك، ئىمكانىيەتلىك، سىجىل ئىلمىي تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ تېز ھەم ياخشى تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر قايسى تەرەپتىكى ئىشلارنى ئورگانىك بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاق ۋە ئىناق بولغان تەڭكەش تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا؛ بۆلگۈنچىلىك، سىڭىپ كىرىش، ئاغدۇرمىچىلىق قىلمىشلىرىغا يۈكسەك ھوشيار بولۇپ ۋە ئۇنىڭدىن قەتئىي مۇداپىئەلىنىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى ھەقىقىي قوغدىغاندىلا؛ ھەر مىللەت خەلقىگە تايىنىپ بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى تولۇق قوزغىتىپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى بولۇش، ئىجتىمائىي ئىناقلىقتىن ھەممە كىشى بەھرىمەن بولۇشتەك جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگەندىلا، باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق ۋە ئىناقلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملىگىلى ۋە راۋاجلاندۇرغىلى بولىدۇ.
|