باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
شى جىنپىڭ: پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى تەتقىقاتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى
2007- 11- 22 11:04 شىنجاڭ گېزىتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 20–نويابىر تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى بۈگۈن بېيجىڭدا پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى تەتقىقات ئورنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى شى جىنپىڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتكۈل پارتىيە، پۈتكۈل مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىدىيىسى ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھى بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەر قايسى تەرەپتىكى كۈچلەرنى پارتىيە  17–قۇرۇلتىيىدا بەلگىلەنگەن كۈرەش نىشانىغا يېتىش ۋە ئىستراتېگىيىلىك ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا مۇجەسسەملەش—پۈتكۈل پارتىيىنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى، شۇنداقلا پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم ۋەزىپە.

   ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى يۈەنچاۋ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ