باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش—جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىزچىل تەشەببۇسى
2007- 11- 22 11:02 شىنجاڭ گېزىتى

   ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش—جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىزچىل تەشەببۇسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى.

   بىرىنچى، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق ئىنسانىيەتنىڭ بەختىيار جەمئىيەتكە ئىنتىلىشىدىكى مەڭگۈلۈك تېما، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى بىر خىل قىممەت يۈزلىنىشى. ماركسىزم ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تۇنجى قېتىم ئىلمىي ئاساسقا ئىگە قىلىپ: كاپىتالىستىك ئېكسپىلاتاتسيە تۈزۈمى ئىجتىمائىي ئادالەتسىزلىكنىڭ مەنبەسى، كاپىتالىستىك تۈزۈمنى ئۆزگەرتكەندىلا، ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؛ پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنى يۈرگۈزۈپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئىشچىلار بىلەن دېھقانلار، شەھەرلەر بىلەن يېزىلار، جىسمانىي ئەمگەك بىلەن ئەقلىي ئەمگەك ئارىسىدىكى پەرقنى تۈگىتىش—ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسىي شەرتى؛ ئەمگەك ئادىللىقنى ئۆلچەيدىغان ۋە ئۇنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئۆلچەم ۋە ئۇلتاش، ئەمگەكچى خەلق ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سۇبيېكىت ۋە ھەقىقىي كۈچ، دەپ كۆرسەتكەن. ماركسىزملىق ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق قارىشى سوتسىيالىستىك تۈزۈم شارائىتىدا ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزنى مۇھىم ئىدىيىۋى ئاساسقا ھەم نەزەرىيىۋى ئاساسقا ئىگە قىلدى.

   ئىككىنچى، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش—جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىزچىل تەشەببۇسى ۋە كۈرەش نىشانى. پارتىيىمىزنىڭ خاراكتېرى ۋە ئاساسىي مەقسىتى—پارتىيىمىزنىڭ قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپلا ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۆزىنىڭ سىياسىي تەشەببۇسى ۋە كۈرەش نىشانى قىلىشى كېرەكلىكىنى بەلگىلىگەن. پارتىيە 16–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش زور ئىستراتېگىيىلىك ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى ۋە مۇھىم نىشانى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

   ئۈچىنچى، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش—جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى مۇھىم ۋەزىپە. سوتسىيالىستىك جەمئىيەت ئىلگىرىكى ھەرقانداق جەمئىيەت فورماتسىيىسىدىن تېخىمۇ ئادىل، ھەققانىي بولۇشى كېرەك، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئېلىمىز سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى. بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش شارائىتىدا، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق ئىلمىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا تۈزۈم ئورنىتىش ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشىمىزدىكى مۇھىم ئاساس، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرۇشتىكى تۈپ مىزان، جەمئىيەتنىڭ ئۇيۇشقاقلىقى، مەركەزگە ئىنتىلىشچانلىقى ۋە چاقىرىق كۈچىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم بايراق. ھازىرقى باسقۇچتا، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاساسىي نىشان يولداش خۇ جىنتاۋ ئېيتقاندەك: ‹‹جەمئىيەتتىكى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى ياخشى ماسلاشتۇرۇش، خەلق ئىچىدىكى زىددىيەت ۋە باشقا ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ھەقىقىي قوغداش ھەم ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت››. بۇ بىزدىن ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى پارتىيىنىڭ فاڭجېن – سىياسەتلىرىنى تۈزۈش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ئاساسىي مەۋقە قىلىشتا چىڭ تۇرۇشنى، ئوخشاشمىغان تارماقلار، رايونلار، تەرەپلەردىكى ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە  تەڭ ئېتىبار بېرىشنى، يېڭى تارىخىي شارائىتتا خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتنى ياخشى ھەل قىلىشنى، ھوقۇق ئادىللىقى، پۇرسەت ئادىللىقى، قائىدە ئادىللىقى ۋە تەقسىمات ئادىللىقىنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان ئىجتىمائىي ئادىللىققا كاپالەتلىك قىلىش سىستېمىسىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىشنى، بۇ ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى كىشىلەرنىڭ تۈرلۈك پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشىدىكى پەللە، پۇرسەت، جەريان ۋە نەتىجىدە كونكرېت گەۋدىلەندۈرۈپ، خەلقنىڭ ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت قاتارلىق تەرەپلەردىكى  ھوقۇق – مەنپەئىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، خەلقنى ئورتاق بەرپا قىلىش داۋامىدا ئىسلاھات، تەرەققىيات مېۋىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن قىلىپ، ئورتاق بېيىش يۆنىلىشىنى بويلاپ ئالغا بېسىشقا يېتەكلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ خەۋىرى)
 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ