باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
پەن _ تېخنىكا يېڭىلىقلىرى
2007- 11- 21 12:47 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

       پاراشوتلۇق ئايروپىلان. بۇ ئامېرىكا  يېڭىدىن تەتقىق قىلىپ ياسىغان گەۋدىسىگە پاراشوت بېكىتىلگەن تۇنجى ئايروپىلان بولۇپ، بۇ خىل ئايروپىلان جىددىي ئەھۋالغا  يولۇققاندا، ئۇچقۇچى پاراشوتنى ئاچسىلا بولىدىكەن. دىئامېتىرى 17 مېتىر كېلىدىغان پاراشوت  ئايروپىلاننى يەر  يۈزىگە قوندۇرىدىكەن، بۇنداق بولغاندا، ئۇچقۇچى ۋە  يولۇچىلارنىڭ ھاياتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئاشۇرغىلى بولىدىكەن.

      ‹‹ كۆز ئاچقۇچ››. ئادەمنىڭ بىر جۈپ كۆزى ئىشىكتىكى قارا رەڭلىك ئېكرانغا  توغرىلانغاندا، كۆز  پەردىسىدىكى سانلىق مەلۇمات دەرھال ئوقۇلۇپ، كومپيوتېر تېز سۈرئەتتە يېشىپ تونۇغاندىن كېيىن، يېشىل چىراغ يېنىپ، ئىشىك ئاپتوماتىك ئېچىلىدىكەن، ئۆي ئىگىسى ئاچقۇچ  سالمايمۇ ئۆيگە كىرەلەيدىكەن. خەۋەر قىلىنىشچە، شاڭخەيدە  ئېچىلغان ئىجتىمائىي جامائەت بىخەتەرلىكى مەھسۇلاتلىرى خەلقئارا كۆزگەزمىسىدە، بۇ مەھسۇلات نۇرغۇن ئېكىسكورسىيىچىلەرنى جەلپ قىلغان.

      ياندا ئېلىپ يۈرگىلى بولىدىغان دېزىنفىكسىيە  ئەسۋابى. بۇ خىل خىلدىكى تېز سۈرئەتتە باكتېرىيە ئۆلتۈرىدىغان، قولايلىق، پاكىز، ياندا  ئېلىپ يۈرۈشكە  ئەپلىك دېزىنفېكسىيە ئەسۋابىغا باكتېرىيە  ئۆلتۈرۈش ئۈنۈمى يۇقىرى، ئەمما ئادەم بەدىنىگە زىيانسىز بولغان يۇقىرى چاستوتىلىق  دولقۇن بۆلىكى، ئۇلتىرا بىنەپشە  نۇر  تېخنىكىسى قوللىنىلغان بولۇپ، كېسەللىكلنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى باكتېرىيە  ياكى ۋىروسنى ئۆلتۈرۈشكە پەقەت نەچچە سېكۇنتلا كېتىدىكەن. ئۇ ھازىر  ئىقتىدارى ئەڭ ياخشى، ياندا  ئېلىپ يۈرۈشكە  ئەپلىك، بۇيۇملارنىڭ سىرتقى يۈزىنى دېزىنفېكسىيە  قىلىش ئەسۋابى بولۇپ ئاشخانا  بويۇملىرى، شەخس ئىشلىتىدىغان بويۇملار، بالىلار  ئويۇنچۇقلىرى، ھېساپلاش ماشىنىسىنىڭ كۇنۇپكا  تاختىسى ۋە  مائۇس، پۇل ساناش ماشىنىسى، ماشىنىنىڭ ئىچى، ئىچىملىك سۇ، چىش چوتكىسى، تېلىفون، ئىشىك تۇتقۇچى ۋە  باشقا  نۇرغۇن بويۇملارنىڭ سىرتقى يۈزىنى دېزىنفېكسىيە  قىلغىلى بولىدىكەن.

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ