باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ ئاساسىي تەلىپى—ئومۇميۈزلۈك، ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىش
2007- 11- 21 10:34 شىنجاڭ گېزىتى

   پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا: ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ ئاساسىي تەلىپى ئومۇميۈزلۈك، ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا تەشەببۇس قىلىنغان تەرەققىياتنىڭ ئىلمىي بولۇشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇ بىر تەرەپلىمە، بەدەل بىلەن ھېسابلاشمايدىغان، كۆلنىڭ سۈيىنى قۇرۇتۇپ بېلىق تۇتىدىغان تەرەققىيات بولماستىن، ئومۇميۈزلۈك، ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات، ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىيات.

   1. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىيات قارىشى. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا كۆزلىنىدىغىنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىيات، يەنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ  ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا ئاساسەن، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش. بۇ تۆت تەرەپ زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

   2. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ماس تەرەققىيات قارىشى. ماس تەرەققىياتتا ھەرقايسى تەرەپلەر تەرەققىياتىنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىشىنى، يەنى شەھەر– يېزىلار تەرەققىياتىنى، رايونلار تەرەققىياتىنى، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق تەرەققىياتىنى، ئىچكى تەرەققىيات بىلەن ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرى، تەرەپلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ، ئۈستقۇرۇلما بىلەن ئىقتىسادىي بازىسنىڭ ماسلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.

   3. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارىشى. ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارىشى تەرەققىيات مۇساپىسىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك، سىجىل بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا تەلەپ قىلىنغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات  ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىي قىلغان، تۇرمۇش باياشاد، ئېكولوگىيە ياخشى بولغان مەدەنىي تەرەققىيات يولىدا چوڭ تۇرۇپ، بايلىق تېجەر، مۇھىت سۆيەر جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، سۈرئەت بىلەن قۇرۇلما، سۈپەت بىلەن ئۈنۈم بىردەك بولۇش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن نوپۇس ،بايلىق، مۇھىت ماس بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقنى ياخشى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتتا ئىشلەپچىقىرىش، ياشاش شارائىتىغا ئىگە قىلىپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنى سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.

   قىسقىسى، ئومۇميۈزلۈك، ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات بىر – بىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بىر – بىرىنى چەكلەيدىغان، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرىدىغان ئورگانىك بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدە، تەرەققىياتنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتىنى تۇتۇپ، سوتسىيالىستىك ماددىي مەدەنىيلىك، سىياسىي  مەدەنىيلىك، مەنىۋى مەدەنىيلىك ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنىڭ بىرلىكىنى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات بىلەن نوپۇس، بايلىق، مۇھىتنىڭ بىرلىكىنى، ئىلگىرىكى تەرەققىيات بىلەن ھازىرقى تەرەققىيات ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتنىڭ بىرلىكىنى گەۋدىلەندۈردى، شۇڭا ئۇ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ ئاساسىي تەلىپى.

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى
 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ