|
—پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (12)
خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى
پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ۋەزىپىلەرنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىگە ئاساسەن ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ نىزامنامىسى››گە تۈزىتىش كىرگۈزدى. يېڭى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن پارتىيە نىزامنامىسىدە ماركسىزم، لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى قاتارلىق پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئىدىيىلەر گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا بېكىتىلگەن مۇھىم نەزەرىيىۋى قاراش، مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك قاراش ۋە مۇھىم خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئۇنىڭغا كىرگۈزۈلدى. قۇرۇلتايدا ماقۇللانغان پارتىيە نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىلمىسىدە ماركسىزمنىڭ جۇڭگوچىلاشتۇرۇلغان ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى، پارتىيە خىزمىتى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى تەجرىبىلىرى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرنىڭ پارتىيە خىزمىتى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىغا قويغان يېڭى تەلەپلىرىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلدى.
پارتىيىمىز پارتىيە 12–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە نىزامنامىسىگە تۆت قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان، دادىل يېڭىلىق يارىتىدىغان قىممەتلىك پەزىلىتىنى نامايان قىلدى.
بۇ قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن پارتىيە نىزامنامىسىدە پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، پۈتكۈل پارتىيىنىڭ ئەقىل – پاراسىتى مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، پارتىيە 16–قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئەمەلىيەت مۇساپىسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، پارتىيىنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسىي لۇشيەنى، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي ۋە سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، ئارمىيە قۇرۇلۇشى، مىللەتلەر خىزمىتى، دىن خىزمىتى، بىرلىك سەپ خىزمىتى، دىپلوماتىيە خىزمىتى، پارتىيە قۇرۇلۇشى، پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەزمۇنلار قوشۇلدى ھەم تولۇقلاندى. بۇلار پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش مۇساپىسىدە قولغا كەلتۈرگەن يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئورتاق تونۇش، يېڭى تەجرىبىلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.
ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى—پارتىيىنىڭ ئۈچ ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ تەرەققىيات توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيىسىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى، ماركسىزمنىڭ تەرەققىيات توغرىسىدىكى دۇنيا قارىشى ۋە مېتودولوگىيىسىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىلىنىشى، ماركسىزم لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسى بىلەن ھەم تومۇرداش، ھەم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان ئىلمىي نەزەرىيە، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى مۇھىم يېتەكچى فاڭجېن، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى راۋاجلاندۇرۇشتا چوقۇم چىڭ تۇرۇلىدىغان ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلىدىغان مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئىدىيە. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋە جەمئىيىتىنى ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قويۇلغان تۈپ تەلەپنىڭ گەۋدىلىنىشى بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئوبيېكتىپ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن، ئۇ پۈتكۈل پارتىيە، پۈتكۈل مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. ئۇ پۈتكۈل پارتىيىدىكى يولداشلارنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكىنى كۈچەيتىشىگە پايدىلىق بولۇپ، مۇقەررەر ھالدا پارتىيە خىزمىتىدە يېڭى دائىرە ئېچىش، يېڭى سەھىپە يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولىدۇ.
پارتىيە نىزامنامىسى پۈتكۈل پارتىيىنىڭ ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرىدىغان ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئومۇمىي نىزامنامە. ئۇ پارتىيە خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە ئاساسىي جەھەتتىن قېلىپلاشتۇرۇش ۋە يېتەكلەش رولىغا، پارتىيە ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى نوپۇز ۋە ئەڭ چوڭ چەكلەش كۈچىگە ئىگە. 70مىليوندىن ئارتۇق ئەزاسى بار چوڭ پارتىيىمىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ پۈتكۈل پارتىيىدىكى يولداشلارنىڭ ئىدىيىسىنى پارتىيە نىزامنامىسى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە نىزامنامىسى بويىچە ئاڭلىق ھەرىكەت قىلىشتا ئەھمىيىتى ناھايىتى زور.
|