|
خەلقنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش ھوقۇقى، ئىشتىراك قىلىش ھوقۇقى، بايان قىلىش ھوقۇقى ۋە نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ لېكتورى لۇ خەييەن
سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە، تېگى – تەكتىدىن ئېيتقاندا، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇشى بولۇپ، ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇش سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ ماھىيىتى ۋە يادروسى. پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا: ‹‹خەلق دېموكراتىيىسىنى كېڭەيتىپ، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك››، ‹‹خەلقنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش ھوقۇقى، ئىشتىراك قىلىش ھوقۇقى، بايان قىلىش ھوقۇقى ۋە نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەتلەندۈرۈش›› دېموكراتىيە شەكلىنى بېيىتىپ، دېموكراتىيە يوللىرىنى كېڭەيتىشىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى، دەپ تەكىتلەندى.
ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش ھوقۇقى ئۇقۇش ھوقۇقى، بىلىش ھوقۇقى بولۇپ، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ دۆلەت ئورگانلىرى ئىگىلىگەن ئۇچۇردىن خەۋەردار بولۇش ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ. ئومۇم ھوقۇقىنى چەكلەش، ئاممىنىڭ شەخسىي ھوقۇقىنى قوغداش ئۇنىڭ ماھىيىتى بولۇپ، پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قانات يايدۇرۇلغان ‹‹ئىككىدە ئاشكارا بولۇش، بىرنى نازارەت قىلىش›› پائالىيىتى، كەنت ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش، شۇنداقلا 15–قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاشكارا، ئادىل، باراۋەر بولۇشتا چىڭ تۇرۇش پرىنسىپى، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە بىۋاسىتە چېتىلىدىغان تارماقلاردا ئاشكارا ئىش بېجىرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ئۇچۇرنى ئاشكارىلاش ئېڭى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. بۇنىڭ بىلەن مەملىكەت بويىچە تارماقلار، جايلاردا ‹‹ھۆكۈمەت ئىشىدا ئاشكارا بولۇش›› پائالىيىتى بەس – بەستە قانات يايدۇرۇلدى.
پۇقرالارنىڭ ئىشتىراك قىلىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش دۆلەتنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقنى ھۆرمەتلىشى ۋە قوغدىشىنىڭ مۇھىم بىر تەرىپى. دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇنىنىڭ 2– ماددىسىدا: خەلق دۆلەت ئىشلىرىنى، ئىقتىسادىي ئىشلارنى ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنى، جامائەت ئىشلىرىنى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، تۈرلۈك يوللار ۋە شەكىللەر بىلەن باشقۇرىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. دېمەك، پۇقرالار سايلاش، ئاۋاز بېرىش، كېڭىشىش، سۆھبەت يىغىنى، دەلىللەش يىغىنى، ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى، تەنقىد قىلىش، تەكلىپ بېرىش، ئاخبارات ۋاسىتىسى ۋە توردا دۆلەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىق يوللار ۋە ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، ئىشتىراك قىلىش ھوقۇقىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدۇ. پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا ‹‹ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك قانۇن – نىزام ۋە جامائەت سىياسىتى پرىنسىپىنى تۈزۈشتە ئاشكارا پىكىر ئاڭلاش››نىڭ مەخسۇس تەكىتلەنگەنلىكى دۆلەتنىڭ خەلق رايىغا ھۆرمەت قىلىش، خەلق ئۈچۈن قانۇن چىقىرىش ئىدىيىسىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى.
بايان قىلىش ھوقۇقى پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقى بولۇپ، ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن سۆز قىلىش، نەشر قىلىش، يىغىلىش، تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ئەركىنلىكى، ئىلمىي تەتقىقات ۋە ئەدەبىيات سەنئەت ئىجادىيىتى ئەركىنلىكى، دۆلەت ئورگانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرىنى تەنقىدلەش، تەكلىپ بېرىش، ئەرز قىلىش ھوقۇقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بايان قىلىش ھوقۇقىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بىلەن خەلق دېموكراتىيىسىنىڭ يوللىرى كېڭەيتىلىپ، خەلقنىڭ زىددىيەتنى پەسەيتىش، توقۇنۇشنى ھەل قىلىشى ئۈچۈن ياخشى سورۇن ھازىرلاپ بېرىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ماجىرا ۋاقتىدا ھەل قىلىنىپ، ئىناقسىزلىق ئامىللىرى ئىناقلىق ئامىللىرىغا ئۆزگەرتىلىدۇ.
نازارەت قىلىش ھوقۇقى پۇقرالارنىڭ دۆلەت ئورگانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ خادىملارنىڭ مەمۇرىي پائالىيىتىنى نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ پۇقرالارنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا قاتنىشىشنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان مەزمۇنى، ئۇ سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقى، بايان قىلىش ھوقۇقى، مۇھىم ئىشلارنى قارار قىلىش ھوقۇقى قاتارلىقلارغا ئوخشاش پۇقرالارنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇش، دۆلەت، جەمئىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش ھوقۇقى بولۇپ، ئاساسلىقى تەنقىدلەش ھوقۇقى، تەكلىپ بېرىش ھوقۇقى، ئەرز قىلىش ھوقۇقى، پاش قىلىش ھوقۇقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
قىسقىسى، خەلقنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش ھوقۇقى، ئىشتىراك قىلىش ھوقۇقى، بايان قىلىش ھوقۇقى ۋە نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش بىر – بىرىنى تولۇقلايدۇ، ئىلگىرى سۈرىدۇ، بىرى كەم بولسا بولمايدۇ. ئۇ ئېلىمىز خەلقىنىڭ دېموكراتىيە ھوقۇقىنىڭ مۇھىم تولۇقلىنىشى، شۇنداقلا قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىدىكى زور بۇرۇلۇش بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دېموكراتىيە قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىدىكى ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشتىن دېرەك بېرىدۇ.
|