باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ تۈپ ئۇسۇلى — بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىش
2007- 11- 20 10:17 شىنجاڭ گېزىتى

   پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا: ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ تۈپ ئۇسۇلى—بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىش، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

   بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىش پارتىيىمىزنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئەمەلىيىتىدە شەكىللەندۈرگەن قىممەتلىك تەجرىبىسى. پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى، شەخسىي مەنپەئەت بىلەن كوللېكتىپنىڭ مەنپەئىتىنى، قىسمەن مەنپەئەت بىلەن ئومۇمىي مەنپەئەتنى، ھازىرقى مەنپەئەت بىلەن كەلگۈسى مەنپەئەتنى، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئومۇمىيلىقنى بىر تۇتاش پىلانلاش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ تەرەپلەردىكى بىر تۇتاش پىلانلاش بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىش فاڭجېنىنىڭ مەزمۇنى، ئوبيېكتى ۋە دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، پارتىيىمىزنىڭ سوتسيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنىڭ چوڭقۇرلاشقانلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ تۈپ باشلىنىش نۇقتىسى ۋە مۇھىم رېئاللىشىش يولىغا ئايلاندى.

   —شەھەر – يېزىلار تەرەققىياتىنى بىر  تۇتاش پىلانلاشتا سانائەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى بېقىش، شەھەرلەر يېزىلارنى قوللاش فاڭجېنىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شەھەر  يېزىلارنىڭ ئىككى مەنبەلىك ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنى تەدرىجىي ئۆزگەرتىپ، سوتسيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، ‹‹يېزا ئىگىلىك، يېزا، دېھقانلار›› مەسىلىسىنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، شەھەر – يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى پەرقنى تەدرىجىي كىچىكلىتىپ، يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر – يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرى بىر گەۋدىلەشكەن يېڭى ئەندىزە شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

   —رايونلار تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاشتا، رايونلار تەرەققىياتى ئومۇمىي ئىستراتېگىيىسىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشنى داۋاملىق چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، رايونلار تەرەققىياتىدىكى پەرق چوڭىيىپ كېتىش يۈزلىنىشىنى تەدرىجىي ئۆزگەرتىپ، شەرقىي، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلار ئۆزئارا تۈرتكە بولىدىغان، ئەۋزەللىكلىرى ئارقىلىق ئۆز ئارا تولۇقلايدىغان، ئورتاق راۋاجلىنىدىغان يېڭى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

   —ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىر تۇتاش پىلانلاشتا، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، پەن – تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئىجتىمائىي باشقۇرۇش قاتارلىق ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت، ساغلاملىق، بىخەتەرلىك جەھەتلەردىكى ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ ساپاسى ۋە ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئورگانىك بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  —ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاشتا، بايلىق ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىت مەسىلىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى، بايلىقتىن پايدىلىنىش، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ئاسراشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنى ئىشلەپچىقىرىش يۈكسەلگەن، تۇرمۇش باياشات، ئېكولوگىيە ياخشىلانغان مەدەنىي تەرەققىيات يولىغا باشلاش كېرەك.

   —ئىچكى تەرەققىيات بىلەن سىرتقا ئېچىۋېتىشنى بىر تۇتاش پىلانلاشتا، ئىچكى تەرەققىيات بىلەن خەلقئارا مۇھىتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ ھەم تاشقى پايدىلىق شارائىتتىن ياخشى پايدىلىنىشىمىز، ھەم ئۆز ئەۋزەللىكىمىزنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشىمىز، ئىچكى – تاشقى ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن پايدىلىنىشىمىز، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشنى ئاساس قىلىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش بىلەن تاشقى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، ئىچكى مەبلەغتىن پايدىلىنىش بىلەن تاشقى مەبلەغتىن پايدىلىنىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىچكى تەرەققىيات بىلەن ئېچىۋېتىشنىڭ ماسلىشىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

   —مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاشتا، ئاساسىي قاتلامنىڭ ۋە ئاممىنىڭ ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى ۋە مەسئۇلىيىتىنى مۇۋاپىق ئايرىپ، ئىش ھوقۇقى بىلەن مالىيە ھوقۇقىنىڭ ماس بولۇشى، ھوقۇق بىلەن جاۋابكارلىقنىڭ بىردەك بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ ھەم مەركەزنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى ھىمايە قىلىش، ھەم جايلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

   —شەخسىي مەنپەئەت بىلەن كوللېكتىپ مەنپەئەتنى، قىسمەن مەنپەئەت بىلەن ئومۇمىي مەنپەئەتنى، ھازىرقى مەنپەئەت بىلەن كەلگۈسى مەنپەئەتنى بىر تۇتاش پىلانلاشتا، خەلقنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتى، كەلگۈسى مەنپەئىتى ۋە تۈپ مەنپەئىتىنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شەخسىي مەنپەئەتنى كوللېكتىپ مەنپەئەتكە، قىسمەن مەنپەئەتنى ئومۇمىي مەنپەئەتكە، ھازىرقى مەنپەئەتنى كەلگۈسى مەنپەئەتكە بويسۇندۇرۇپ ھەم خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى قوغداش، ھەم خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك.

   —دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئومۇمىيلىقنى بىر تۇتاش پىلانلاشتا، دۆلەت ئىچىدىكى ئومۇمىيلىق بىلەن خەلقئارا ئومۇمىيلىقنىڭ، ئىچكى ئىشلار بىلەن دىپلوماتىيىنىڭ زىچ مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە شارائىتتىكى تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەردىن تەرەققىيات يۆنىلىشىنى توغرا ئىگىلەپ، تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تەرەققىيات شارائىتىنى يارىتىپ، تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى ئىگىلەپ، ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، ئەھۋالغا بېقىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىچكى  تاشقى ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پايدىنى كۆزلەپ، زىياندىن ساقلىنىپ، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا ياخشى خەلقئارا مۇھىت يارىتىشىمىز كېرەك.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى           
 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ