باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئىش تېپىشىغا مۇلازىمەت قىلىش ھەپتىلىكى 18 – نويابىر باشلىنىدۇ
2007- 11- 19 15:32 شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى

(تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى) 

   ئىگىلىنىشچە ، 5 – نۆۋەتلىك ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئىش تېپىشىغا مۇلازىمەت قىلىش ھەپتىلىكى 18 – نويابىردىن 24 – نويابىرغىچە ئاپتونوم رايونلۇق ئىختىساسلىقلار بازىرىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ .

   تونۇشتۇرۇلۇشىچە ، مۇلازىمەت قىلىش ھەپتىلىكى مەزگىلىدە جايلاردىكى كادىرلار تارماقلىرىنىڭ ئىختىساسلىقلار مەركىزى ۋە ئىختىساسلىقلار بازىرى نەق مايداندا خادىم  قۇبۇل قىلىش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزىدىكەن ؛ ئالىي مەكتەپنى پۇتتۇرگەنلەر ئېلىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ خادىم قۇبۇل قىلىش ئۇچۇرلىرىنى ئىگەللەپلا قالماي ، كادىرلار مىنىستىرلىكى ئىختىساسلىقلار بازىرى ئاممىۋى ئۇچۇر تورىدا ئىش تېپىش قىسقىچە تەرجىمھالىنى ھەقسىز ئېلان قىلالايدىكەن .  

    ئىگىلىنىشچە ، نويابىردا ئاپتونوم رايونلۇق ئىختىساسلىقلار بازىرىدا 11 نۆۋەت ئىختساسلىقلار يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلىدىكەن . ھازىرغىچە 4 نۆۋەت ئۆتكۈزۈلگەن .

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ