باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار 5– نۆۋەتلىك ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ھەپتىسى تەكلىپ قىلىش يىغىنىغا ھەقسىز قاتنىشالايدۇ
2007- 11- 16 12:19 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسى

 (تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى)

    بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئاپتونوم رايونلۇق ئىختىساسلىقلار بازىرى ئويۇشتۇرغان مۇشۇ ئاينىڭ 18- كۈنىدىن 24- كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان 5– نۆۋەتلىك ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ھەپتىسى تەكلىپ قىلىش يىغىنىغا ھەقسىز قاتنىشالايدىكەن.

    ئىگىلىنىشچە،  مۇلازىمەت ھەپتىسىدە، جايلاردىكى كادىرلار تارماقلىرىنىڭ ئىختىساسلىقلار مەركىزى ، ئىختىساسلىقلار بازىرى نەق مەيداندا تەكلىب قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈش بىلەن بىرگە، ئىنتىرنېت تورى ئارقىلىق تەكلىب قىلىش يىغىنىمۇ ئۆتكۈزۈلىدىكەن .  ئوقۇغۇچىلار مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇنلارنىڭ تەكلىب قىلىش ئۇچۇرىدىن خەۋەردار بولۇپلا قالماي، يەنە كادىرلار تارماقلىرىنىڭ ئىختىساسلىقلار بازىرى ئاممىۋى ئۇچۇر تورىدا خىزمەت ئىزدەش قىسقىچە تەرجىمىھالىنى ھەقسىز ئېلان قىلالايدىكەن .

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ