|
(تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى)
شىنجاڭ تېببىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پروفېسسور خالمۇرات غوپۇر يېقىندا 2007 - يىللىق خېلياڭخېلى فوندىنىڭ پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، بۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ پەن – تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ مۇكاپات تۈرىگە ئېرىشىشى ھېسابلىنىدۇ.
خېلياڭخېلى فوندى — شياڭگاڭلىق پۇل – مۇئامىلە كەسپىدىكى ۋەتەنپەرۋەر ئوقەتچىلەر خې شەنخېڭ، لياڭ چيۇجۈ، خې تيەن، لى گوۋېي بىرلىكتە 400 مىليون شياڭگاڭ دوللىرى ئىئانە قىلىپ، 1994– يىلى 3 – ئايدا، شياڭگاڭدا رويىخەتكە ئالدۇرۇپ قۇرغان پاراۋانلىق تىپىدىكى پەن – تېخنىكا مۇكاپاتى فوندى بولۇپ ، پەن – تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى پەن – تېخنىكا چوققىسىغا ئۈزلۈكسىز ئۆرلەشكە ئىلھام بېرىشنى مەقسەت قىلغان .
|