باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ يادروسى ئادەمنى ئاساس قىلىش
2007- 11- 16 10:39 شىنجاڭ گېزىتى

   پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ يادروسى ئادەمنى ئاساس قىلىش، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئادەمنى ئاساس قىلىش—پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە 16–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئالاھىدە تەكىتلەۋاتقان مۇھىم ئىدىيە ۋە ئاساسى تەلەپ، ئۇنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ يادروسى بولۇشىدا، ئاساسلىقى، تۆۋەندىكى ئۈچ سەۋەب بار:

   بىرىنچى، ئادەمنى ئاساس قىلىش—تارىخىي ماتېرىيالىزمنىڭ تۈپ پرىنسىپى. ئادەمنى ئاساس قىلىش—ئىجتىمائىي پىكىر ئېقىمى ۋە قىممەت قارىشى سۈپىتىدە ئەزەلدىن تەكىتلىنىپ كەلگەن. يېقىنقى دەۋردە غەرب گۇمانىزمى خۇراپاتلىققا قارشى تۇرۇپ، ئىلىم  پەننى قەدىرلەپ، ھاكىممۇتلەقلىققە قارشى تۇرۇپ، ئەركىنلىككە چوقۇنۇپ، ئادىمىيلىكنى تەشەببۇس قىلىپ، فېئودالىزمغا قارشى تۇرۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئازادلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇئەييەن رول ئوينىدى.

   ئىككىنچى، ئادەمنى ئاساس قىلىش—پارتىيىمىزنىڭ تۈپ مەقسىتى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قارىشىنىڭ مەركەزلىك گەۋدىلىنىشى. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا تەكىتلىنىۋاتقان ئادەمنى ئاساس قىلىش—پارتىيىمىزنىڭ جان –دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتى ۋە ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتەك ماھىيەتلىك تەلىپى بىلەن تامامەن بىردەك، پارتىيىمىز ئوتتۇرىغا قويغان باشتىن – ئاخىر جۇڭگودىكى ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىش بىلەن تامامەن بىردەك. يولداش خۇ جىنتاۋ: كىمگە ئىشىنىش، كىمگە تايىنىش، كىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ مەيدانىدا باشتىن – ئاخىر تۇرۇش – تۇرماسلىق—ماتېرىيالىزملىق تارىخ قارىشى بىلەن ئىدىيالىزملىق تارىخ قارىشىنى پەرقلەندۈرىدىغان ئۆلچەم، شۇنداقلا ماركسىزملىق پارتىيە ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىشتىكى سىنتاش. ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى رېئاللاشتۇرۇش، ياخشى قوغداش، ياخشى يۈكسەلدۈرۈش، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاش ئارقىلىق ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئىلغار مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش—باشتىن – ئاخىر ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە، دەپ كۆرسەتكەنىدى. جۇڭگو كومپارتىيىسى خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇشتا ئىزچىل چىڭ تۇردى، پارتىيىنىڭ ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىدىن باشقا ئالاھىدە مەنپەئىتى يوق؛ پارتىيىنىڭ بارلىق ۋەزىپىسى ۋە مەسئۇلىيىتى خەلقنى يېتەكلەپ، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش. ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەلىپىنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ فاڭجېن، سىياسەتلەرنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش خىزمەتلىرىدە ھەقىقىي كونكرېت، چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمەتلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

   ئۈچىنچى، ئادەمنى ئاساس قىلىش ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدىكى بىر قاتار ئاساسىي مەسىلىلەرگە ئەتراپلىق جاۋاب بەردى. بىرىنچىدىن، كىم ئۈچۈن تەرەققىي قىلىش مەسىلىسىدە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا مۇنداق تەكىتلەندى: خەلق ئۈچۈن تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇش ئۈچۈن، ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى رېئاللاشتۇرۇش، ياخشى قوغداش، ياخشى يۈكسەلدۈرۈشنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە خىزمەتلىرىنىڭ مەۋقەسى ھەم مەقسىتى قىلىش؛ خەلق ھىمايە قىلامدۇ  قىلمامدۇ، قوشۇلامدۇ – قوشۇلمامدۇ، خۇشال بولامدۇ – بولمامدۇ، ماقۇل بولامدۇ – بولمامدۇ، دېگەندە چىڭ تۇرۇشنى بارلىق تەدبىر بەلگىلەش ۋە خىزمەتلەرنىڭ ئۆلچىمى قىلىپ، تەرەققىيات مەقسىتىنى خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى رېئاللاشتۇرۇش، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشتە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئىككىنچىدىن، كىمگە تايىنىپ تەرەققىي قىلىش مەسىلىسىدە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا مۇنداق تەكىتلەندى: تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇش ئۈچۈن، خەلقنىڭ سۇبيېكىتلىق ئورنىغا ھۆرمەت قىلىش، خەلقنىڭ ئىجادكارلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇش، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش، ئاممىغا ئىزچىل ئىشىنىش، ئاممىغا يېقىندىن تايىنىش، ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاش، پۈتكۈل جەمئىيەت، پۈتكۈل مىللەتنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچىدىن ئىمكانقەدەر پايدىلىنىش، مىليونلىغان ئاممىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىغا ئاتلىنىشقا ئەڭ كەڭ دائىرىدە سەپەرۋەر قىلىش ۋە تەشكىللەش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى قانداق تەقسىملەش مەسىلىسىدە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا مۇنداق تەكىتلەندى: تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلق ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتا چىڭ تۇرۇش ئۈچۈن، ئورتاق بېيىش يولىدا مېڭىپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرۈلگەن ھەر قايسى تەرەپلەردىكى نەتىجىلەرنى خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ۋە ساغلاملىق سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشتە، خەلقنىڭ ئىدىيە، ئەخلاق ساپاسى ۋە پەن – مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشتە، خەلق بەھرىمەن بولىدىغان ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي جەھەتلەردىكى ھوقۇق  مەنپەئەتكە تولۇق كاپالەتلىك قىلىشتا نامايان قىلىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش كېرەك.

   (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ خەۋىرى)              
 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ