باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
ئىسلاھات روھى ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرەيلى!
2007- 11- 16 10:37 شىنجاڭ گېزىتى

—پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (11)

‹‹خەلق گېزىتى›› ئوبزۇرچىسى

   جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرىدۇر. پارتىيە دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، خەلقنى يېتەكلەپ، ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ  ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، باشتىن  ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇدرەتلىك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشى كېرەك.

   ئىسلاھات روھى ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۇھىم ھەم ئىنتايىن تەخىرسىز ۋەزىپە، بۇنى دۇنيا ئەھۋالى، دۆلەت ئەھۋالى ۋە پارتىيە ئەھۋالىدىكى تەرەققىيات   ئۆزگىرىشلەر بەلگىلىگەن.

   ئىسلاھات روھى ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش—پارتىيە قۇرۇلۇشىغا قويۇلغان ئومۇميۈزلۈك تەلەپ. پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى ۋە ئىلغارلىق قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، پارتىيىنى پارتىيە باشقۇرۇش، پارتىيىنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن ئىشلەش، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، پاك بولۇش تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، غايە، ئېتىقادنى مۇستەھكەملەشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ ئىدىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىمىز، يۇقىرى ساپالىق پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇپ چىقىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ تەشكىلىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىشىمىز، پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىمىز، دېموكراتىيە  مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىمىز، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چېرىكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش – پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىمىز، پارتىيىمىزنى باشتىن  ئاخىر  پارتىيىنى ئومۇم ئۈچۈن قۇرىدىغان، ھاكىمىيەتنى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزىدىغان، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولغان، ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغان ۋە يېڭىلىق يارىتىدىغان، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىدىغان، پاك، ھاياتىي كۈچكە ئىگە، ئىتتىپاق ۋە ئىتتىپاق بولغان ھاكىمىيەت بېشىدىكى ماركسىزملىق  پارتىيىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. بۇ ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش روھى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئومۇمىي تەلەپ بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىدىيىدە ئازاد بولۇش بىلەن ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشنىڭ بىردەكلىكى، ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇشنىڭ بىردەكلىكى گەۋدىلەندۈرۈلگەن، ئۇ بىزگە يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئۇلۇغۋار قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى.

   بۇ ئومۇمىي تەلەپكە ئاساسەن، پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىدا ئالتە مۇھىم ۋەزىپە ئوتتۇرىغا قويۇلدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيىسى سىستېمىسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتكۈل پارتىيىنى ماركسىزمنىڭ جۇڭگوچىلاشتۇرۇلغان ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى بىلەن تىرىشىپ قوراللاندۇرۇش؛ پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، يۇقىرى ساپالىق رەھبەرلىك بەنزىلىرىنى كۈچەپ قۇرۇپ چىقىش؛ پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيىنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش؛ كادىرلار تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى ۋە ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈش؛ ئىلغارلىق تەربىيىسى پائالىيىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئەتراپلىق مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىش؛ پارتىيە ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش– پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى كۈچ سەرپ قىلىپ كۈچەيتىش. بۇ ئالتە ۋەزىپە ھەم روشەن رېئال قاراتمىلىققا ئىگە، ھەم پارتىيىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭغا پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ قىممەتلىك تەجرىبىلىرى مۇجەسسەملەنگەن، ئۇ ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشتەك دەۋر روھىغا تويۇنغان بولۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشىمىزدىكى ھەرىكەت پروگراممىمىزدۇر.

   بىز چوقۇم تىنچ شارائىتتىمۇ خېيىمخەتەرنى ئويلاپ، خەۋپ ئېڭىنى كۈچەيتىشىمىز؛ چوقۇم مەغرۇرلانماي، ئالدىراقسانلىق قىلماي جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشىمىز؛ چوقۇم قېتىرقىنىپ ئۈگىنىپ، باش چۆكۈرۈپ ئىشلىشىمىز؛ چوقۇم ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، ئومۇميەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش روھى بويىچە پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئۇلۇغۋار قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتكۈل مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى تېخىمۇ ياخشى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنى تىرىشىپ ئېچىشىمىز كېرەك.
 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ