باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
باشقىلارغا ياردەم بېرىشكە ئىشتىياق باغلىغان كومپارتىيە ئەزاسى
2007- 11- 16 10:18 شىنجاڭ گېزىتى

—توقسۇن ناھىيىسى شا يېزىسى نەخۇل كەنتىدىكى دېھقان ئابابەكرى ساتتار توغرىسىدا

   توقسۇن ناھىيىسى شا يېزىسى نەخۇل كەنتىدە ئابابەكرى ساتتارنى چوڭلارمۇ، بالىلارمۇ ھۆرمەت قىلىپ، ئۇنى باشقىلارغا ياردەم بېرىشكە ئىشتىياق باغلىغان كومپارتىيە ئەزاسى، دەپ تەرىپلىشىدۇ. دېھقانلار ئابابەكرى ساتتارنىڭ تەسىرلىك ئىش – ئىزلىرىدىن تولىمۇ مىننەتدار .

   ئابابەكرى ساتتار نەخۇل كەنتىدىكى كومپارتىيە ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹ئەمگەك  نەمۇنىچىسى››. قېرىنداشلىرى كۆپ بولغاچقا، ئائىلىسى تولىمۇ نامرات ئىدى. 1997–يىلى شا يېزىسى يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ باقمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ئىلھام بەردى ھەم ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويدى. ئابابەكرى ساتتار بۇ سىياسەتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ ياخشى پۇرسىتى دەپ بىلدى.

   يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە ئابابەكرى ساتتار 15مىڭ يۈەن قەرز پۇل ئىلتىماس قىلىپ، قوي، كالا بورداقچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىش نىيىتىگە كېلىپ، ئالتە كالا، 15قوي سېتىۋالدى. نەتىجىدە  ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ يىللىق كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى ئىلگىرىكى 1000يۈەندىن 2000 يۈەنگە يەتتى.

   باقمىچىلىقنىڭ ئېپىگە كىرىۋالغان ئابابەكرى ساتتارنىڭ چارۋىلىرى ھازىر 60نەچچە تۇياققا يەتتى، باقمىچىلىقتىنلا يىللىق كىرىمى 20مىڭ يۈەنگە يەتتى. ئۇ يەنە تەك ۋە مېۋىلىك كۈچەت قويۇپ، كىرىمىنى كۆپەيتتى.

ئابابەكرى ساتتارنىڭ يېتەكلىشى بىلەن نەخۇل كەنتىدىكى 15ئائىلىلىك دېھقان قوي –كالا بورداقچىلىقى بىلەن شۇغۇللاندى. ھەر بىر ئائىلە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 40تۇياق قوي، كالا بورداپ، ئون نەچچە مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى.

   ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا چاقىرىق قىلىنغاندا، باشقىلار دىلىغۇل بولغاندا ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى باشلامچىلىق بىلەن سىناق قىلىپ، نەخۇل كەنتىدىكى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى چوڭ ئائىلىسى بولغان ۋاڭ يۈنفۇنى ئۇستاز تۇتۇپ، 9.3 مو تېرىلغۇ يېرىدە ئۈچ كۆكتات پارنىكى، بىر ئاددىي پارنىك ياسىدى.

   ئۇ ھەر مو يەردىكى كۆكتاتتىن 3000يۈەندىن ئارتۇق ساپ كىرىم قىلدى. ئابابەكرى ساتتار تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى باشقا دېھقانلارغا تولۇق ئۆگەتتى، ھازىر ئۇنىڭ سەككىز شاگىرتى بار، ئۇ شاگىرتلىرىنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ياردەم بېرىۋاتىدۇ. ئۇ ۋە باشقا بىر قانچە پارتىيە ئەزاسىنىڭ يېتەكلىشى نەتىجىسىدە كەنتتىكى 53دېھقان 320مو كۆلەمدە ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بەرپا قىلدى. كىرىمىمۇ ئىلگىرىكى يىللىق ئوتتۇرىچە  2000يۈەندىن 3200 يۈەنگە يەتتى.

   ئابابەكرى ساتتار يېزىلىق پارتىيە ئەزالىرى پەن – تېخنىكىدا ئۈلگە كۆرسىتىش پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئۇ ھەر ئايدا ۋاقىت چىقىرىپ، دېھقانلارنى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بويىچە تەربىيىلىگەندىن سىرت، يەنە باشقا يېزا – بازاردىكىلەرگىمۇ تەجرىبىسىنى ئۆگەتتى. بۇ يىل 1 – ئايدا ئۇ ئىلانلىق يېزىسىنىڭ 200مىڭ تۈپ شوخلا، تەرخەمەك مايسىسىنى خالىسانە پەرۋىش قىلىپ بەرگەندە، يېزىلىق ھۆكۈمەت ئۇنىڭغا 10مىڭ يۈەن ئىش ھەققى بەرگەن بولسىمۇ، ئۇ رەت قىلدى.
 
   يېزىدا ‹‹پارتىيە ئەزالىرى نامراتلارنى يۆلەش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغاندا ئابابەكرى ساتتار كەنتتىكى نامرات دېھقان مەمەت گاھاپنى ياردەم بېرىش ئوبيېكتى قىلىپ، ئۇنىڭ 5000يۈەن قەرز ئېلىشىغا كېپىل بولۇپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى ۋە باقمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشىغا مەدەت بەردى. ئابابەكرى ساتتارنىڭ ياردىمىدە مەمەت گاھاپ ئىككى مو ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللاندى، 15تۇياق قوي – كالا بوردىدى.

   مەمەت گاھاپ ئاشخانا ئاچماقچى بولغاندا، 2007–يىلى 1 – ئايدا ئابابەكرى ساتتار يەنە ئۇنىڭ بانكىدىن 10مىڭ يۈەن قەرز ئېلىشىغا كېپىل بولدى. ھازىر مەمەت  گاھاپ ئائىلىسىنىڭ يىللىق كىرىمى 40مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ.

   ھەر يىلى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلىدە كەنتتىكى بەزى دېھقانلار ئوغۇت، ئۇرۇق قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىشقا قۇربىتى يەتمىگەندە، ئۇ ھەمىشە سېخىيلىق بىلەن ياردەم بەردى. 2005–يىلى ئۇ خۇاڭ گوچىڭ، شيا جۈنچاڭ قاتارلىق تۆت دېھقاننىڭ ئوغۇت سېتىۋېلىشقا پۇلى يېتىشمىگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا 5500يۈەن بېرىپ تۇردى، نامرات دېھقان قېيۇم سايىم ئائىلىسىمۇ ئۇنىڭ ياردەم بېرىش ئوبيېكتى، ئابابەكرى ساتتار ئۇنىڭغا ئوغۇت، گۈرۈچ ۋە ئۇن ئېلىپ بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى.

   ئابابەكرى ساتتار دېھقانلارنى ئورتاق بېيىشقا يېتەكلەپ، كۆپچىلىكنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى. ئۇ ھېلىھەم ئوتتەك قىزغىنلىقى بىلەن ئېتىز – ئېرىق باشلىرىدا كۆپچىلىكنىڭ ئىشلىرىغا جان كۆيدۈرمەكتە.
 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ