|
—پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (10)
‹‹خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى››
پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئاساس قىلىنىپ، ئىقتسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى يۈزلىنىشىگە، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش يېڭى ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىش ئۈچۈن خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش مۇھىم نۇقتا قىلىنغان ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنى تېزلىتىش زور ئورۇنلاشتۇرۇشى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ پارتىيىمىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى توغرىسىدىكى يېڭى تونۇشى، يېڭى ئومۇملاشتۇرۇشى بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ ئېچىش، يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرىنى ئەكس ئەتتۈردى، ئۇ نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ‹‹ئىجتىمائىي ئىشلارنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش›› ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش كۆرەش نىشانىنىڭ يېڭى تەلىپى قىلىندى ھەم ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئاساسىدا ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشقا يەنىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، خەلق تۇرمۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاش، ئىجتىمائىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جامائەت مۇلازىمىتىنى كېڭەيتىپ، ئىجتىمائىي باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى يۈكسەلدۈرۈش تەكىتلەندى.
ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش—خەلقنىڭ بەختى ۋە ئامان – ئېسەنلىكىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنى تېزلىتىشتە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى جەزمەن مۇھىم نۇقتا قىلىش كېرەك. پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق ئالتە جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان: مائارىپنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇپ، ئادەم كۈچى بايلىقى جەھەتتە كۈچلۈك دۆلەت بەرپا قىلىش؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇپ، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش؛ كىرىم تەقسىمات تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شەھەر – يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش؛ شەھەر – يېزا ئاھالىلىرىنى قاپلىغان ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، خەلقنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ ئاساسىي داۋالىنىش – ساقلىقنى ساقلاش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش؛ ئىجتىمائىي باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئەمىنلىكى ۋە ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش. بۇ ئالتە تەرەپنىڭ ھەممىسى خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسى، شۇنىڭدەك پارتىيىمىزنىڭ ئادەمنى ئاساس قىلىشتا، تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات مېۋىلىرىدىن خەلقنى تەڭ بەھرىمەن قىلىشتا چىڭ تۇرۇشىنىڭ كۈچەش نۇقتىسى.
خەلق تۇرمۇشىنى ياخشلاش مۇھىم نۇقتا قىلىنغان ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش—زور ھەم مۇرەككەپ سىستېما قۇرۇلۇشى، تۆت مۇھىم مۇناسىۋەتنى توغرا تونۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. بىرىنچى، ئىقىتسادىي قۇرۇلۇش بىلەن ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنىڭ مۇناسىۋىتى. ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنى تېزلىتىشكە پۇختا ماددىي ئاساس سېلىش ھەم ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش بىلەن ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن جەمئىيەت ئىشتراك قىلىشنىڭ مۇناسىۋىتى. ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ جامائەت مەھسۇلاتلىرى ۋە جامائەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش ھەم تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى باشقۇرۇش ۋە جامائەت مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشقا ئاكتىپ يېتەكلەش ھەم ئۇنى قوللاش كېرەك. ئۈچىنچى، ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشنىڭ مۇناسىۋىتى. بىر تۇتاش پىلانلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تېز ئىلگىرى سۈرۈش ھەم ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىپ ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ئەمەلىي مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق، باسقۇچلۇق ھەل قىلىش كېرەك. تۆتىنچى، سېلىنمىنى كۆپەيتىش بىلەن ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتى. تىرىشىپ سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ھەم ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپەيتىلگەن سېلىنمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.
خەلق—ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشتىن نەپ ئالغۇچى، شۇنداقلا ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنىڭ سۇبيېكتى. خەلققە تايىنىپ بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى قوزغاتساقلا، جەمئىيەت ئىناق، ھەممە كىشى مەسئۇلىيەتچان، ئىناق جەمئىيەتتىن ھەممە كىشى بەھرىمەن بولىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرەلەيمىز.
|