باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەر يارىتىش كېرەك
2007- 11- 15 10:56 شىنجاڭ گېزىتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 13–نويابىر تېلېگراممىسى. مەملىكەتلىك ياش يازغۇچىلار ئىجادىيەت يىغىنى بۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى چاڭچۈن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ بارلىق ياش يازغۇچىلارنىڭ پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ۋە باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ مەملىكەتلىك 8 – قېتىملىق مەملىكەتلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر قۇرۇلتىيىدا،شۇنداقلا مەملىكەتلىك 7 – قېتىملىق يازغۇچىلار قۇرۇلتىيىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ھەم ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا پائال ئاتلىنىپ، دەۋر تەلىپىگە ماس، خەلق ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، كۈچلۈك ئىدىيىۋىلىككە، سەنئەت خاراكتېرىگە ئىگە نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا يېڭى دولقۇن قوزغاش ئۈچۈن خىزمەت كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلدى.

   بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك ياش يازغۇچىلار ئىجادىيەت سۆھبەت يىغىنىنى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى بىلەن كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى بىرلىشىپ ئۆتكۈزدى. يىغىنغا مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، جۇڭگو ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار ۋە مەملىكەت بويىچە 300دىن كۆپرەك ياش يازغۇچىلار ۋەكىلى قاتناشتى.
 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ