باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
گوۋۇيۈەن ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى كومىتېتى تەشكىللىگەن بىرلەشمە گۇرۇپپىدىكىلەر ئاپتونوم رايونىمىزدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
2007- 11- 15 10:47 شىنجاڭ گېزىتى

(تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى)

   مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مائارىپ، پەن – مەدەنىيەت، سەھىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى خۇڭگۈي باشچىلىقىدىكى كۆپ تارماقتىن تەشكىللەنگەن بىرلەشمە گۇرۇپپىدىكىلەر يېقىندا ئاپتونوم رايونىمىزدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. بۇ گورۇپپىدىكىلەرنى گوۋۇيۈەن ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى كومىتېتى تەشكىللىگەن بولۇپ، ئۇلار جايلارنىڭ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش ئەھۋالى، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش نىزامىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش ئەھۋالى، تەجرىبىلەر ۋە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئىگىلەيدۇ، تەتقىق قىلىدۇ.

   ئىگىلىنىشىچە، يېقىنىقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون مەخسۇس تۈر بويىچە ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش، داۋالاش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلغان، تارماقلار ھەمكارلاشقان، جەمئىيەت قاتناشقان ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن، لېكىن ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن ئىكەن. 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ