|
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ دوتسېنتى: باتۇر
پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا تۇنجى قېتىم: ‹‹ دەسلەپكى تەقسىماتتىمۇ، قايتا تەقسىماتتىمۇ ئۈنۈم بىلەن ئادىللىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش، قايتا تەقسىماتتا ئادىللىققا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك››، ‹‹ئاھالە كىرىمىنىڭ مىللىي دارامەت تەقسىماتىدىكى سالمىقىنى پەيدىنپەي ئۆستۈرۈش، ئەمگەك ھەققىنىڭ دەسلەپكى تەقسىماتتىكى نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش لازىم›› دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھازىرقى باسقۇچتىكى مىللىي دارامەتنىڭ ئېشىشى بىلەن ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى تولۇق تونۇپ، باي– نامراتلىق پەرقىنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىشى يۈزلىنىشىنى توسۇش مەقسىتىدە، دەسلەپكى تەقسىماتتا ئادىللىقنى گەۋدىلەندۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى كۆرسەتتى.
دەسلەپكى تەقسىمات بىلەن قايتا تەقسىمات مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى تەقسىماتىدىكى ئىككى ھالقا. دەسلەپكى تەقسىمات ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى داۋامىدا كارخانىلارنىڭ تەقسىمات سۇبيېكتى سۈپىتىدە مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى دۆلەت، كارخانا، شەخسلەر ئوتتۇرىسىدا تەقسىم قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش ئامىلى تەمىناتى بىلەن ھەق تۆلەشنىڭ مۇناسىۋىتى دەسلەپكى تەقسىماتتىكى ئەڭ ئاساسىي مۇناسىۋەت. بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا دەسلەپكى تەقسىمات مۇناسىۋىتىنى ئاساسەن بازار مېخانىزمى شەكىللەندۈرىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش ئامىلى باھاسىنى بازاردىكى تەمىنات تەلەپ بەلگىلەيدۇ، ھۆكۈمەت قانۇن– نىزام ۋە باج ئارقىلىق تەڭشەيدۇ ۋە قېلىپلاشتۇرىدۇ، بىۋاسىتە ئارىلاشمايدۇ. دەسلەپكى تەقسىماتنىڭ رېئاللىشىش ئۇسۇلى شۇكى، ئەمگەكچىلەر مائاش شەكلى ئارقىلىق ئەمگەك كىرىمگە ئېرىشىدۇ، كارخانا پايدا ئېلىش شەكلى ئارقىلىق تىجارەت كىرىمىگە ئېرىشىدۇ، ھۆكۈمەت باج ئېلىش شەكلى ئارقىلىق كىرىمگە ئېرىشىدۇ. قايتا تەقسىمات ھۆكۈمەتنىڭ دەسلەپكى تەقسىمات نەتىجىسى ئاساسىدا ئىشلەپچىقىرىش ئامىلى كىرىمىنى قايتا تەڭشەش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ ئاساسلىقى باج ئېلىش، ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، يۆتكەپ چىقىم قىلىش قاتارلىق تەڭشەش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق رېئاللىشىدۇ. ھازىرقى باسقۇچتا دۆلەت، ئورۇن ۋە شەخسلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىجتىمائىي دەسلەپكى تەقسىمات مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئەڭ زۆرۈر. چۈنكى بۇ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن دۆلەت، كارخانا ۋە ئاۋامنىڭ تېخىمۇ مۇۋاپىق بەھرىمەن بولۇش – بولالماسلىققا، ‹‹تەرەققىيات ئۈنۈمى بىرىنچى›› مۇ ياكى‹‹ئىجتىمائىي ئادىللىق بىرىنچى›› مۇ، دېگەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىدىيىسىگە مۇناسىۋەتلىك.
پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىدا دەسلەپكى تەقسىماتتا ئادىللىقنى گەۋدىلەندۈرۈشنىڭ تەكىتلەنگەنلىكى تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ كىرىمى تېز كۆپىيىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ باي – نامراتلىق پەرقىنى كىچىكلىتىشكە پايدىلىق؛ ئۇ يەنە پۇقرالارنىڭ قايتا تەقسىماتتىن نەپ ئېلىپلا قالماي، دەسلەپكى تەقسىماتتىمۇ ئۆز مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئىلگىرى كىشىلەر دەسلەپكى تەقسىماتتا ئۈنۈم مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، قايتا تەقسىماتتا ئادىللىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا كۆپرەك دىققەت قىلىپ كەلگەن، ئەمەلىيەتتە ھازىرقى باسقۇچتا تەقسىماتتىكى نۇرغۇن ئادىلسىزلىق مەسىلىسى دەسلەپكى تەقسىمات ساھەسىدە كۆرۈلگەن. پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىدا دەسلەپكى تەقسىماتتا ئادىللىقنى گەۋدىلەندۈرۈشنىڭ تۇنجى قېتىم تەكىتلىنىشى ئېلىمىزنىڭ كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمىنىڭ مەزمۇنىنىڭ بېيىغانلىقى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلگىنىدەك، 2020–يىلىغان بارغاندا، مۇۋاپىق، تەرتىپلىك كىرىم تەقسىماتى ئەندىزىسى ئاساسەن شەكىللىنىدۇ، ئوتتۇرىھال كىرىملىكلەر كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدۇ، مۇتلەق نامراتلىق ھادىسىسى ئاساسەن تۈگىتىلىدۇ.
|