|
پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا: ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەزمۇنى— تەرەققىيات، دەپ كۆرسىتىلدى. بۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ئالدى بىلەن تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ، دېگەن ئىدىيە بىلەن يىلتىزداش.
1. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى مەسىلىلەرنى تەرەققىيات ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇش — دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى، بولۇپمۇ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغاندىن بۇيانقى ئاساسىي تەجرىبىسى. پارتىيىمىز 11– نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ مەركىزىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا يۆتكەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت تارىخىي تەدبىر بەلگىلىدى. يولداش دېڭ شياۋپىڭ: ‹‹جۇڭگودىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ئۆز تەرەققىياتىمىزغا تايىنىش›› ‹‹تەرەققىيات چىڭ قائىدە››، دەپ كۆرسەتتى. يولداش جياڭ زېمىن: ‹‹پارتىيە جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش تارىخىي مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشتا، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇھىم ۋەزىپە بولغان تەرەققىياتنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيىنىڭ ئىلغارلىقىدا چىڭ تۇرۇش ۋە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشنى ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئىلغار مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش، ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى رېئاللاشتۇرۇش جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالغا بېسىشى، كىشىلەرنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك›› دەپ كۆرسەتتى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 29يىلدىن بۇيانقى ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، تەرەققىياتنى ئاساسىي تېما قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدىكى مەسىلىلەرنى تەرەققىيات قارىشى، تەرەققىيات تەپەككۇرى، تەرەققىيات ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەل قىلساق، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتالايمىز.
2. تەرەققىيات — ئېلىمىزنىڭ يېڭى ئەسىر، يېڭى باسقۇچتا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىشىدە ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە. پارتىيىمىز ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېڭى ئەسىردىكى ئۈچ تارىخىي ۋەزىپىنى ئورۇنداپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇھىم ۋەزىپىسى بولغان تەرەققىياتنى ياخشى تۇتۇشى شەرت.
3. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان ماركسىزملىق تەرەققىيات قارىشى. تەرەققىيات قارىشى تەرەققىياتنىڭ ماھىيىتى، مەقسىتى، مەزمۇنى ۋە تەلىپى توغرىسىدىكى ئومۇمىي قاراش ۋە تۈپ نۇقتىئىنەزەر. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى پارتىيىنىڭ ئۈچ ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ تەرەققىيات توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيىلىرىنىڭ ۋارىسى ۋە راۋاجى بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەم ‹‹تەرەققىيات چىڭ قائىدە›› دېگەن ئىستراتېگىيىلىك ئىدىيىنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇھىم ۋەزىپىسى بولغان تەرەققىياتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشتىن ئىبارەت مەركەزنى چىڭ تۇتۇپ، زېھنىمىزنى يىغىپ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش قىلىش، بىر نىيەت – بىر مەقسەتتە تەرەققىياتنى كۆزلەش، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش تەكىتلەنگەن؛ ھەم تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى تىرىشىپ ئىگىلەپ، تەرەققىيات ئىدىيىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، ئادەمنى ئاساس قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش، ھەر قايسى تەرەپلەردىكى ئىشلارنى ئورگانىك بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىناقلىقىنى، ئىناق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ئارقىلىق ئۆزىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان، ئۆز تەرەققىياتىمىز ئارقىلىق دۇنيا تىنچلىقىنى قوغدايدىغان تىنچ تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەكىتلەنگەن، بۇ ماركسىزملىق تەرەققىيات قارىشىنى تېخىمۇ بېيىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11– نويابىر تېلېگراممىسى)
|