باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
70ياشلىق پارتىيە ئەزاسى 17–قۇرۇلتاي روھىنى تەشۋىق قىلدى
2007- 11- 15 10:21 شىنجاڭ گېزىتى

(تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى)

   پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن كېيىن، لوپ ناھىيىسىنىڭ بۇيا يېزىسى ئوتتۇرا كونزىيا كەنتىدىكى بىر كىشى ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ئۇ بولسىمۇ 70ياشلىق پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى روزىمۇھەممەت قادىر.

   روزىمۇھەممەت قادىر ئون نەچچە يىل ئىلگىرى يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان، پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن ئۆزى تۇرۇشلۇق كەنتتە كۇتۇپخانا قۇرۇپ، ئۆز خىراجىتىگە كىتاب – ژۇرنال، گېزىت سېتىۋالغان ھەم قارا تاختاي گېزىتى ۋە تام گېزىتى چىقىرىپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان كەنتتىكىلەرگە پارتىيىنىڭ فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنى قانۇن، ئىلمىي تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق قاتارلىق تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن ھەقسىز تەمىنلىگەن. ئۇ 17–قۇرۇلتاي ئېچىلغان مەزگىلدە رادىئو ئاڭلاپ، تېلېۋىزور كۆرۈپ، گېزىتلەرنى ئاختۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىلارنى خاتىرىلەپ ماڭغان، ھەر كۈنى ئەتىگەندە بۇنى قارا تاختاي گېزىتىگە يېزىپ، كەنتتىكىلەرنىڭ ئۆگىنىشى ئۈچۈن كەنت دوقمۇشىغا ئاسقان، كۈندە قارا تاختاي گېزىتىنىڭ مەزمۇنىنى يېڭىلاپ تۇرغان. يېقىندا ئۇ ئۆزى توپلىغان 17–قۇرۇلتاي ماتېرىيالىنى رەتلەپ، كەنت ئاھالە كومىتېتى، كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىگە بېرىپ لېكسىيە سۆزلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹ھازىر ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ ۋە تەشۋىق قىلىپ، كەنتتىكىلەرگە پارتىيىنىڭ پۇقرالارغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ پارتىيىگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىشەنچىسىنى مۇستەھكەملەش. ئاممىغا مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتكە قەتئىي قارشى تۇرۇش، پارتىيىنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئەمگەك ئارقىلىق بېيىپ، ھاللىق تۇرمۇشقا بالدۇرراق يېتىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىش››.
 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ