باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ ئۇلۇغ تەرەققىياتى، ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى دولقۇنىنى قوزغايلى!
2007- 11- 14 10:50 شىنجاڭ گېزىتى

—پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (9)

‹‹خەلق گېزىتى›› ئوبزورچىسى

   پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىدا مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇش نۇقتىلىق تەكىتلىنىپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى دولقۇنىنى قوزغاش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ ئۇلۇغ تەرەققىياتى، ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

   سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى دولقۇنىنى قوزغاش— ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇئەييەن تەرەققىيات باسقۇچىدىكى ئوبيېكتىپ تەلەپ.

   29يىل ئىسلاھ قىلىش، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى دولقۇنىنى قوزغاشنىڭ ئەمەلىي شارائىتىنى ھازىرلىدۇق.

   سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ ئۇلۇغ تەرەققىياتى، ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئەڭ، مۇھىمى، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى دولقۇنىنى قوزغاش، پۈتكۈل مىللەتنىڭ مەدەنىيەت يارىتىشتىكى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق خەلقنىڭ ئاساسىي مەدەنىيەت ھوقۇق  مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈش، ئىجتىمائىي مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بېيىتىش، خەلقنىڭ روھىي قىياپىتىنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈش كېرەك.

   پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا يۇقىرىقى نىشاننى چۆرىدىگەن ھالدا، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيىنىڭ جەلپكارلىقى ۋە ئۇيۇشتۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش؛ ئىناق مەدەنىيەت بەرپا قىلىپ، مەدەنىي كەيپىيات يارىتىش؛ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئۈچۈن ئورتاق مەنىۋى ئائىلە قۇرۇش؛ مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت تۆت جەھەتتىكى ۋەزىپە ئوتتۇرىغا قويۇلدى. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى—سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيىنىڭ ماھىيەتلىك ئىپادىسى. ئىناق مەدەنىيەت—پۈتكۈل خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى مۇھىم ماددىي تايانچ. جۇڭخۇا مەدەنىيىتى —جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئىتتىپاقلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىدىكى پۈتمەس – تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. مەدەنىيەتنىڭ مەزمۇنى، شەكلى، تۈزۈلمىسى، مېخانىزمى ۋە ئۇنى تارقىتىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىشنى دەۋرنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە تۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش، مەدەنىيەت ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش—مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇقەررەر يولى. يۇقىرىقى تۆت جەھەتتىكى ۋەزىپىدە ھەم جۇڭگو مەۋقە قىلىنغان، ھەم دۇنياغا يۈزلىنىلگەن؛ ھەم مىللىي خاسلىق گەۋدىلەندۈرۈلگەن، ھەم دەۋر ئالاھىدىلىكى نامايان قىلىنغان؛ ھەم ۋارىسلىق قىلىش تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ھەم يېڭىلىق يارىتىش ئارزۇسى ئىپادىلەنگەن. چوقۇم تونۇشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەسەۋۋۇرنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ئاساسىدا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك سىياسەت، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق  مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشىمىز، تىرىشىپ يېڭىلىق يارىتىپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيىتىمىزدە بارچە گۈللەر بەس – بەستە تېخىمۇ رەڭدار ئېچىلغان، ساغلام، ئىلغار گۈللىنىش مەنزىرىسىنى ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك.

   سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى دولقۇنىنى قوزغاش مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇش بولۇپلا قالماستىن يەنە كەڭ چاقىرىق كۈچىگە ئىگە جاراڭلىق شوئار. خەلقنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسىي رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇپ، بارلىق مەدەنىيەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى ئۈزلۈكسىز قوزغاپ، مەدەنىيەتنىڭ ئۇلۇغ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئاڭلىق، تېخىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلگىرى سۈرسەكلا، چوقۇم جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە مەدەنىيەتنىڭ يېڭى، شانلىق سەھىپىسىنى يارىتىپ، مەدەنىيەتنىڭ كۈچ  قۇدرىتى ئارقىلىق جەمئىيەتنى يۈكسەلدۈرۈپ، بارلىق خەلقنى مەدەنىيەت تەرەققىياتى نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلالايمىز.
 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ