|
(تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى)
ئاپتونوم رايونلۇق 2007- يىلى كۈز پەسىللىك ئىختىساس ئىگىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى يېقىندا ئاياغلاشتى. بۇ قېتىمقى ئىختىساس ئىگىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا 8 مىڭدىن ئارتۇق ئىش ئورنى تەمىنلەنگەن بولۇپ، 6 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم تەكلىپ قىلىشقا قاتناشتى. تەمىنلەنگەن ئىش ئورنى قاتناشقۇچىلار سانىدىن ئارتۇق بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگەن تۇنجى قېتىملىق ئالماشتۇرۇش- تەكلىپ قىلىش يىغىنىغا ئايلاندى.
ئاپتونوم رايونلۇق ئىختىساس ئىگىلىرىنى ئالماشتۇرۇش بازىرى بازار بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ۋاڭ خۇڭشيا تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: ‹‹بۇ قېتىمقى ئىختىساس ئىگىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا تەمىنلەنگەن ئىش ئورنى قاتناشقۇچىلار سانىدىن ئارتۇق بولۇش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلۈشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ-- ئالىي مەكتەپ ۋە تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىش ئورنى تېپىش يوللىرىنى كۆپەيگەنلىكى، خېلى بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ توردا تەكلىپ قىلىشقا قاتنىشىش شەكلىنى تاللىغانلىقىدىن ئىبارەت. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەھەللىلەر ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمەت پونكىتلىرىنى قۇردى. ئالىي مەكتەپ ۋە تېخنىكوملارنى پۈتتۈرگەن بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار مەھەللىلەر تەمىنلىگەن ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتى. جەمئىيەتتىكى يەنە بىر قىسىم كىشىلەر سىرتقا چىقماي تۇرۇپلا ئىش ئورنى تاپتى. مۇشۇنداق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بۇ قېتىمقى ئىختىساس ئىگىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا تەمىنلەنگەن ئىش ئورنى قاتناشقۇچىلار سانىدىن ئارتۇق بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلدى›› .
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئالىي مەكتەپ ۋە تېخنىكوملارنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئۇلارنى خاس مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى. كىچىك تىپتىكى كۆرۈشۈش يىغىنى، مەخسۇس ئالماشتۇرۇش يىغىنى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ئالىي مەكتەپ ۋە تېخنىكوملارنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى.
|