|
—پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (8)
خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى
سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى قەتئىي تەۋرەنمەي راۋاجلاندۇرۇش جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇش. بۇ مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇشتا دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى، خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىدىكى مۇقەررەر تەلەپ ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي قۇرۇلۇشنىڭ يۆنىلىشى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات يۈزلىنىشى گەۋدىلەندۈرۈلدى.
‹‹خەلق دېموكراتىيىسى—سوتسىيالىزمنىڭ جېنى››، ‹‹خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇشى—سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ ماھىيىتى ۋە يادروسى››. يولداش دېڭ شياۋپىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە: ‹‹دېموكراتىيە بولمىسا سوتسيالىزم بولمايدۇ، سوتسيالىستىك زامانىۋىلىشىشمۇ بولمايدۇ››، دەپ ئېنىق كۆرسەتكەن. پارتىيىنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات قىلىشى نېگىزىدىن ئېيتقاندا، خەلقنى ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇشقا تەشكىللەپ ۋە ئۇنى قوللاپ، ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ مەنپەئىتى ۋە ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈندۇر. پارتىيە رەھبەرلىكى خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىدىن ۋە ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ قالسا مەنبەسىز سۇغا، يىلتىزسىز دەرەخكە ئوخشاپ قالىدۇ. دۆلەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى خەلققە مەنسۇپ، ھەممە خەلق ئۈچۈن، ھەممىدە خەلققە تايىنىش كېرەك. خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇشىدىن ئايرىلسا، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي ئالدىنقى شەرتتىن ۋە ئاساستىن ئايرىلىپ قالىدۇ.
سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇش—پارتىيىمىز باشتىن – ئاخىر ئېغىشماي چىڭ تۇرىدىغان كۈرەش نىشانى.
ئېلىمىز سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى يولغا قويۇشتا ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ دېموكراتىيە نەزەرىيىسى ئاساسىي قائىدىسىدە چىڭ تۇردى ھەم ئىنسانىيەتنىڭ سىياسىي مەدەنىيلىك تەرەققىياتىدىكى پايدىلىق نەتىجىلەرنى قوبۇل قىلدى، ئۇ روشەن جۇڭگوچە خاسلىققا ئىگە. مانا بۇ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دېموكراتىيىنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدا، پارتىيە رەھبەرلىكىدە، خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇشىدا، دۆلەتنى قانۇن ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇشنىڭ ئورگانىك بىرلىكى. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي كېڭەش تۈزۈمى، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى ۋە ئاساسىي قاتلام ئامما ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ھەم ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي تۈزۈمنىڭ ئۆزىنى ئۆزى مۇكەممەللەشتۈرۈشى ۋە راۋاجلاندۇرۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇشتا، سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوقۇم چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئېلىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئۇنى ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش، خەلقنىڭ سىياسىي ئىشلارغا ئىشتراك قىلىش ئاكتىپلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ماسلاشتۇرۇش كېرەك.
پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىدا سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇشنى، سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى چۆرىدىگەن ھالدا ئالتە جەھەتتىكى ۋەزىپە ۋە تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى: خەلق دېموكراتىيىسىنى كېڭەيتىپ، خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ ئاساسىي قاتلام دېموكراتىيىسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقنىڭ تېخىمۇ كۆپ ۋە ھەقىقىي دېموكراتىك ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ دۆلەتنى قانۇن – ئىدارە قىلىش ئاساسىي تاكتىكىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش؛ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى زورايتىپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىش؛ مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ مۇلازىمەت تىپىدىكى ھۆكۈمەت بەرپا قىلىش؛ چەكلەش ۋە نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق بەرگەن ھوقۇقنىڭ باشتىن – ئاخىر خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش. بۇ ۋەزىپە ۋە تەلەپلەر سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر، ئۇ روشەن كونكرېت نىشانغا، كۈچلۈك يېتەكچىلىككە ۋە مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە بولۇپ، سوتسىيالىستىك سىياسىي مەدەنىيلىكنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇشىمىزغا ئېنىق نىشان كۆرسىتىپ بەردى، ئۇ پۈتكۈل پارتىيە، پۈتكۈل مەملىكەت خەلقىنى سوتسىيالىستىك دېموكراتىيىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن قەتئىي تەۋرەنمەي تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.
|