باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
ھازىرقى جۇڭگودا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇش سوتسىيالىزمدا ھەقىقىي چىڭ تۇرغانلىق
2007- 11- 13 10:59 شىنجاڭ گېزىتى

   پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى تامامەن توغرا، ھازىرقى جۇڭگودا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇش سوتسىيالىزمدا ھەقىقىي چىڭ تۇرغانلىق، دەپ كۆرسىتىلدى. بۇ ئىلمىي ھۆكۈم بىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن بارلىق نەتىجىلىرىمىز ۋە يۈكسىلىشلىرىمىزنىڭ ئىككى تۈپ سەۋەبىنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنى تۆۋەندىكى ئۈچ جەھەتتىن تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنەلەيمىز.

   بىرىنچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ئۇقۇمىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى توغرىسىدا. 1979–يىلى 3 – ئايدا يولداش دېڭ شياۋپىڭ پارتىيىمىزنىڭ خۇددى يولداش ماۋ زېدۇڭ ئەينى يىللىرى جۇڭگو ئىنقىلابى مەسىلىسىدە ئۆزىگە خاس يول ئېچىش ۋەزىپىسىنى پارتىيىمىزگە رەھبەرلىك قىلىپ تاماملىغانغا ئوخشاش، جۇڭگونى گۈللەندۈرۈش مەسىلىسىدە ئۆزىگە خاس يول ئېچىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. 1982–يىلى 9 – ئايدا ئېچىلغان پارتىيە 12–قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى سۆزىدە ئۇ يەنە: ‹‹ئۆزىمىزنىڭ يولىدا مېڭىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرايلى››، دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.

   پارتىيىنىڭ 13–، 14–، 15–، 16–قۇرۇلتايلىرىدا پارتىيىنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسىي نەزەرىيىسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي پروگراممىسى، ئاساسىي تەجرىبىلىرى ئارقا – ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويولۇش ئاساسىدا پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنىڭ ئىلمىي مەزمۇنى ۋە مۇپەسسەل بايانى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

   ئىككىنچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنىڭ توغرىلىقى توغرىسىدا. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنىڭ تامامەن توغرا بولۇشى ۋە ئۇنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلالىشىدىكى ئاچقۇچلۇق سەۋەب—بىز ھەم ئىلمىي سوتسىيالىزم ئاساسىي پرىنسىپىدا چىڭ تۇردۇق، ھەم ئېلىمىزنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئۇنىڭغا روشەن جۇڭگوچە تۈس قوشتۇق؛ بىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا، تۆت ئاساسىي پرىنسىپتا، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە، تەرەققىيات ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇردۇق. بۇلارنىڭ ھەممىسى سوتسىيالىزمنىڭ تۈپ پرىنسىپىنى گەۋدىلەندۈرۈش، سوتسىيالىزمنى ھەقىقىي بەرپا قىلىش ۋە مۇستەھكەملەش بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگونىڭ يەنىلا سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقى ھەم ئۇزاققىچە تۇرىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالى بىز قۇرماقچى بولغان سوتسىيالىزمنىڭ چوقۇم تېخىمۇ كۆپ جۇڭگوچە خاسلىققا ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنى بەلگىلىدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، مەھسۇلاتنى ھۆددىگە بېرىش، يېزا – بازار كارخانىلىرى، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون، سوتسيالىزىمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى، ئۈچ باسقۇچ بويىچە مېڭىشتەك زامانىۋى تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسى، رايون تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسىدىكى ئىككى ئومۇمىيەت، بىر قىسىم كىشىلەر ۋە بىر قىسىم رايونلارنى ئالدىن بېيىتىش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنى ئاساس قىلىش، كۆپ خىل ئىگىلىك ئورتاق راۋاجلىنىش، ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلىش، كۆپ خىل تەقسىمات ئۇسۇلى تەڭ مەۋجۇت بولۇش، شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش›› قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا ياراتقان ھەر قايسى تەرەپلەردىكى جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكلەر. ئۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگوچە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يولى، جۇڭگوچە يېڭىچە سانائەتلىشىش يولى، جۇڭگوچە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى، جۇڭگوچە شەھەرلىشىش يولى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇش يولى قاتارلىقلارمۇ بار. بىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى زور ئەۋزەللىككە ئىگە، دېيىشىمىزدىكى سەۋەب شۇكى، بۇ يولدا قىلغان ھەر قايسى جەھەتلەردىكى ئىشلىرىمىز ۋە تۈرلۈك خىزمەتلىرىمىزدىكى بىر قاتار جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكلەر غايەت زور ھاياتىي كۈچكە ئىگە.

   ئۈچىنچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات ئىستىقبالى توغرىسىدا. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى قاتارلىق مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئىدىيىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ھەم ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى، جۇڭگو سوتسىيالىزم ئىشلىرىدىكى تۆتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشتەك ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ شەكىللىنىشى، باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش كۈرەش نىشانىنىڭ مۇكەممەللىشىشى، شۇنداقلا ھەر قايسى تەرەپلەردىكى تەرەققىيات ئىدىيىمىز ۋە تەرەققىيات ئۇسۇلىمىزنىڭ تېخىمۇ ئىلمىيلىشىشى قاتارلىقلار دەۋر خاسلىقىنى نامايان قىلىش، قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ ئىجادىيلىقنى بېيىتىش ئاساسىدا ئىشقا ئاشىدۇ، ئۇ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنىڭ ماڭغانچە تېخىمۇ كېڭىيىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ ۋە شۇنىڭدىن بېشارەت بېرىدۇ.

             (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ خەۋىرى)
 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ