باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى مەملىكەت بويىچە ھاكىم (باشقارما باشلىقى) دىن يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنى پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەركەزلىك، نۆۋەت بىلەن تەربىيىلەشنى ئورۇنلاشتۇردى
2007- 11- 13 10:51 شىنجاڭ گېزىتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 – نويابىر تېلېگراممىسى. ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە  1–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى››نىڭ تەلىپى بويىچە، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى يېقىندا مەركىزىي كومىتېت ئۇقتۇرۇشىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھاكىم (باشقارما باشلىقى)دىن يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنى پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەركەزلىك، نۆۋەت بىلەن تەربىيىلەشكە قاتناشتۇرۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى.

   بۇ قېتىمقى نۆۋەت بىلەن تەربىيىلەشتە دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسى يېتەكچى قىلىنىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش نۆۋەت بىلەن تەربىيىلەشنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىنىدۇ، بۇ ئارقىلىق ھاكىم (باشقارما باشلىقى) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلار پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىي ماھىيىتىنى ۋە ئىدىيىۋى مەزمۇنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى تەدبىرلەرنى سىستېمىلىق مۇزاكىرە قىلىش ۋە ئىگىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىنىدۇ. نۆۋەت بويىچە تەربىيىلەشتە جايلار، تارماقلارنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتى ۋە ھاكىم (باشقارما باشلىقى) دىن يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىدىيىۋى ئەمەلىيىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق تەربىيىلەش خىزمىتىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈمدارلىقى ھەقىقىي كۈچەيتىلىپ، ھاكىم (باشقارما باشلىقى) دىن يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئىدىيىسىنى پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشكە، كۈچنى پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئادا قىلىشقا قارىتىشقا يېتەكلىنىدۇ.

   تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى نۆۋەت بىلەن تەربىيىلەش ھازىردىن باشلىنىپ، كېلەر يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئاياغلىشىدىكەن، ھاكىم (باشقارما باشلىقى) دىن يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ھەممىسى تەربىيىلەشكە قاتنىشىدىكەن. مەركىزىي تەشكىلات بۆلۈمى ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىردىن يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنى نۆۋەت بويىچە تەربىيىلەش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدىكەن. ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لىك پارتكوملارنىڭ تەشكىلات بۆلۈملىرى ۋە مەركىزىي كومىتېت ئورگىنى، دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ھەر قايسى مىنىستىرلىك، كومىتېتلارنىڭ تەشكىلات، كادىرلار تارماقلىرى ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقىدىكى نازىر(ئىدارە باشلىقى)، ھاكىم (باشقارما) دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنى نۆۋەت بىلەن تەربىيىلەشنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدىكەن. بۇ قېتىمقى نۆۋەت بىلەن تەربىيىلەش ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپلىرى، مەمۇرىي ئىنستىتۇت ۋە كادىرلار مەكتەپلىرىدە مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسى، تەربىيىلەش كۇرسى، ئۆگىنىش كۇرسى ئېچىش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.  

   مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى جايلار، تارماقلاردىن ھاكىم(باشقارما باشلىقى) دىن يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنى پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش بويىچە نۆۋەت بىلەن تەربىيىلەشنىڭ زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، نۆۋەت بىلەن تەربىيىلەش خىزمىتىنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە ھەقىقىي چىڭ ۋە ياخشى تۇتۇشنى تەلەپ قىلدى.
 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ