|
(تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى)
ئوقۇغۇچىلار بۇ يېڭى مەكتەپ ھويلىسىدا خوشال – خورام ئوينىماقتا
9 – نويابىر چۈشتىن بۇرۇن ، كورىيە SK گورۇھى 820 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ قۇرغان ئۈرۈمچى شەھەر داۋانچىڭ رايونىدىكى SK ئىللىقلىق مەكتىپىنىڭ 280 ئوقۇغۇچى سىغىدىغان ئوقۇتۇش بىناسى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۇرۇلدى . بۇ مەكتەپ ‹‹SK مېھىر – شەپقەت باشلانغۇچ مەكتىپى›› دەپ ئاتالدى . ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتىتى ، تەشۋىقات بۈلۈمىنىڭ باشلىقى رېن خۇا ، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى توڭ جاۋلىڭ قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر مەكتەپنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈش يۇپۇق ئېچىش مۇراسىمىغا قاتناشتى .
|