|
پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: ‹‹ئوننى بىرلەشتۈرۈش›› ئېلىمىزدەك بىر مىليارد نەچچە يۈز مىليون نوپۇسقا ئىگە تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلىتىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش، سوتسىيالىزمنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىسى، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئون قىممەتلىك تەجرىبىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ۋە ئىچكى مەنتىقىسىدىن قارىغاندا، بىر مىليارد نەچچە يۈز مىليون نوپۇسقا ئىگە تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتنى قانداق قىلغاندا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرغىلى، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلەتكىلى، سوتسىيالىزمنى مۇستەھكەملىگىلى ۋە راۋاجلاندۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ ئون تەجرىبىدە ئىنسانلار جەمئىيىتىدە ئومۇميۈزلۈك ئەھمىيەتكە ئىگە زور مەسىلىلەرگە نەزەرىيىنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش نۇقتىسىدىن جاۋاب بېرىلگەن.
بىرىنچى، ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىدىكى مۇھىم ھالقا ئەجدادلارنىڭ ئەنئەنىسىنى يوقاتماي، ئۇنى راۋاجلاندۇردۇق؛ ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت ياراتتۇق ھەم ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى سەھىپە ئاچتۇق. بۇنداق بىرلەشتۈرۈش كىشىلەرنىڭ ئىدىيىۋى تونۇشتا ئازاد بولۇشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ئازاد بولۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. ئىككىنچى، ئېلىمىز سوتسيالىزمىنىڭ يېڭى دەۋردە جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنالىشىدىكى مۇھىم سەۋەب — ئۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغان سوتسىيالىزم؛ ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى شۇنىڭ ئۈچۈن ساغلام راۋاجلىنالىدىكى، ئۇ سوتسىيالىزمنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا پايدىلىق ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش. بۇنداق بىرلەشتۈرۈش ھەقىقىي جانلانغان سوتسىيالىزمنى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خەلققە بەخت يارىتىدىغان سوتسىيالىزمنى بەرپا قىلدى.
ئۈچىنچى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش داۋامىدا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىگە تاياندۇق، شۇنداقلا ئاساسىي قاتلام ۋە ئاممىنىڭ، بولۇپمۇ يەرلىكنىڭ ئىسلاھاتتىكى ئىجاتكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلدۇق. بۇنداق بىرلەشتۈرۈشنىڭ تۈرتكىسىدە، ئىسلاھاتتا مەنپەئەت كۆپ مەنبەلەشكەن ئەھۋالدىمۇ دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە جەمئىيەتنىڭ ماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىندى.
تۆتىنچى، سوتسىيالىسىتىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى مىسلىسىز يېڭىلىق سۈپىتىدە سوتسىيالىسىتىك ئاساسىي تۈزۈم بىلەن بىرلەشتۈرۈلدى. بۇنداق بىرلەشتۈرۈشنىڭ تۈرتكىسىدە، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى بازار ئىگىلىكىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىگىمۇ، سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيىتى ۋە يۆنىلىشىگە ماس كېلىدىغان ئەندىزىگە ئايلاندى.
بەشىنچى، پارتىيىمىز ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىغا، ھەم سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈستقۇرۇلمىنى ئىسلاھ قىلىشقىمۇ ئەھمىيەت بەردى شۇنداقلا سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا دېموكراتىيىنى كېڭەيتىشنى قانۇن تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈردى. بۇنداق بىرلەشتۈرۈش دېموكراتىيە ۋە مەركەزلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئارتۇقچىلىقنى ھازىرلىغان سىياسىي تۈزۈم ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى.
ئالتىنچى، ئېلىمىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى داۋامىدا ‹‹ماددىي›› تەرەققىياتقا، يەنى سوتسىيالىستىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا، ھەم ئادەمنىڭ تەرەققىياتىغا، يەنى پۈتكۈل مىللەتنىڭ مەدەنىيلىك ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بەردى. بۇنداق بىرلەشتۈرۈش ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى بىلەن جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئەمەلىيىتىدە بىردەكلىككە ئىگە قىلدى. يەتتىنچى، پارتىيە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش داۋامىدا، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش بىلەن ئىجتىمائىي ئادىللىققا ئەھمىيەت بېرىش، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى يۈكسەلدۈرۈشنى ھەرۋاقىت بىرلەشتۈردى. بۇنداق بىرلەشتۈرۈشنىڭ تۈرتكىسىدە، ئېلىمىز جەمئىيىتى ئۈزلۈكسىز ھاياتىي كۈچكە تولدى ھەم ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈشتىن ساقلىنىپ، ئورتاق بېيىشقا يۈزلەندى.
سەككىزىنچى، جۇڭگوغا ئوخشاش بىر مىليارد نەچچە يۈز مىليون نوپۇسى بار تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىدىن ھەم مۇستەقىل، ئۆز – ئۆزىگە خوجا بولۇشتىن ئايرىلالمايدۇ. بۇنداق بىرلەشتۈرۈشنىڭ تۈرتكىسىدە، بىز دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن تەڭ پايدىلىنىپ، پايدىنى كۆزلەپ زىياندىن ساقلىنىدىغان رىقابەتتە باراۋەرلىكنى، ئومۇميۈزلۈك ئېتىبار بېرىشنى، ئورتاق مەنپەئەتلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردۇق.
توققۇزىنچى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە ئىسلاھات سالمىقى، تەرەققىيات سۈرئىتىنىڭ جەمئىيەتنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى بىلەن بولغا مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ بىرىكىش نۇقتىسى قىلدۇق. بۇنداق بىرلەشتۈرۈش ئىگىلىك تىپى ئۆزگەرگەن نۇرغۇن دۆلەتتە كۆرۈلگەن ئىقتىسادنىڭ ئېغىر چېكىنىشى ۋە سىياسىي داۋالغۇشتىن ساقلىدى ھەم ئىسلاھات، تەرەققىيات مېۋىسىدىن بارلىق خەلقنى مەنپەئەتلەندۈردى.
ئونىنچى، پۈتكۈل ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى داۋامىدا پارتىيىمىز ئوبيېكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىش بىلەن سۇبيېكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت ۋە تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلدى. بۇنداق بىرلەشتۈرۈش جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈردى ھەم پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغۋار قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيىنىڭ رەھبەرلىك سەۋىيسى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيىسى ۋە چىرىكلىككە تاقابىل تۇرۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈردى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 – نويابىر تېلېگراممىسى)
|