باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىپ، تۈزۈلمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرەيلى
2007- 11- 12 10:20 شىنجاڭ گېزىتى

—پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (7)

‹‹خەلق گېزىتى›› ئوبزورچىسى

   ئۇلۇغۋار نىشانغا تاللىغان يول ۋە تۈزۈلمە كاپالىتى ئارقىلىق يەتكىلى بولىدۇ.

   پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا خەلق ئىگىلىكىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەكىتلەندى، شۇنداقلا كەلگۈسى ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىشانىغا يېتىشتىكى ھالقا ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەھەتتە زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت، دەپ كۆرسىتىلدى. بۇ پارتىيىمىز ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات قانۇنىيىتى ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىش ۋە ئۇنى تولۇق ئىگىلەش ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم فاڭجېن شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەمەلىيىتى چىقىش قىلىنىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم ئىستراتېگىيە. ‹‹ھەم تېز، ھەم ياخشى›› بولۇشتىن ‹‹ھەم ياخشى، ھەم تېز›› بولۇشنى، ‹‹تېز بولۇش››نى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتىن ‹‹ياخشى بولۇش››نى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى تەكىتلەشتە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ ئىچكى تەلىپى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، پارتىيىمىزنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش بىلەن شۇغۇللىنىشتىكى يېتەكچى ئىدىيىسىنىڭ راۋاجلانغانلىقى چوڭقۇر ئەكس ئەتتۈرۈلدى، بۇنىڭ بىلەن يېڭى باسقۇچتىكى تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئىگىلىشىمىز تېخىمۇ ئەتراپلىق بولدى، تەرەققىياتنىڭ يېتەكچى فاڭجېنى ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتى، تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش يولى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتى.

   ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش خەلق ئىگىلىكىنى ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى تۈپ يول. پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك تەخىرسىز ھەم مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ۋەزىپە، ئومۇمىيەت ئەھمىيىتىگە ئىگە تۈپ ئۆزگىرىش ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ‹‹ئىقتىسادنىڭ ئېشىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش››تىن ‹‹ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش››كە ئۆزگىرىشتە ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش ۋە نەزەرىيە جەھەتتە تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش گەۋدىلەندۈرۈلگەن، بۇ دەۋەر تەلىپىگە ماسلاشقان، خەلق ئىگىلىكىنى ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر. ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشتە، ‹‹ئۈچ ئۆزگىرىش››نى ئىشقا ئاشۇرۇش، يەنى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاساسلىق سېلىنما، ئېكسپورت تۈرتكىسىگە تايىنىشتىن ئىستېمال، سېلىنما، ئېكسپورت ماسلىشىپ تۈرتكە بولۇشقا ئۆزگىرىش، ئاساسلىقى 2 – كەسىپنىڭ يېتەكلىشىگە تايىنىشتىن 1– ، 2– ، 3 – كەسىپنىڭ ماسلىشىپ يېتەكلىشگە ئۆزگىرىش، ئاساسلىق ماددىي بايلىق سەرپىياتىنى ئاشۇرۇشقا تايىنىشتىن ئاساسلىق پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىغا، ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە، باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىشقا ئۆزگىرىش كېرەك.

   پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ۋەزىپىسى توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك سەككىز جەھەتتىن مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى: ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت بەرپا قىلىش؛ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش؛ شەھەر– يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئېنېرگىيە، بايلىقنى تېجەش ۋە ئېكولوگىيە، مۇھىتنى ئاسراشنى كۈچەيتىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش؛ رايونلارنىڭ تەڭكەش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېررىتورىيىلىك تەرەققىيات قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش؛ تۈپ ئىقتىسادىي تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زامانىۋى بازار سىستېمىسىنى ساغلاملاشتۇرۇش؛ مالىيە – باج تۈزۈلمىسى، پۇل مۇئامىلە قاتارلىقلارنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ماكرولۇق تەڭشەش – تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوچۇق ئىقتىساد سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش. بۇ سەككىز نۇقتا خەلق ئىگىلىكىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ۋە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئىككى مۇھىم نۇقتا ئارقىلىق كونكرېت ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، بىز بۇنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈشىمىز، قەتئىي ئىزچىللاشتۈرۈشىمىز كېرەك.        
 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ