|
يېڭى دەۋردىكى ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىك ئىسلاھات ، ئېچىۋېتىش؛ ئەڭ روشەن ئۇتۇق تېز تەرەققىي قىلىش؛ ئەڭ گەۋدىلىك بەلگە دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش بولدى. پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىكى بۇ مۇپەسسەل ھۆكۈم يېڭى دەۋردىن بۇيانقى ئىشلەپچىقىرىش كۈچىدىن ئىشلەپچىقىرش مۇناسىۋىتىگىچە، ئىقتىسادىي ئاساستىن ئۈستقۇرۇلمىغىچە، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىۋاتقان ئۇلۇغۋار ئىشتىن پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئۇلۇغۋار قۇرۇلۇشىغىچە بولغان تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى يورۇتۇپ بەردى. بۇ ھۆكۈم ھەم كىشىنى ئىلھالاندۇرۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ، ھەم ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇپ كىشىنى قايىل قىلىدۇ.
يېڭى دەۋردىكى ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بولدى. بۇ مۇھىم ھۆكۈم ئالدى بىلەن پارتىيە 14–قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان، پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 29يىلدىن بۇيانقى ئۇلۇغ تارىخىي مۇساپە ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەنگەندە بۇ ھۆكۈم تەتبىقلاندى. بۇ دېگەنلىك يېڭى دەۋر ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بىلەن نەپەسداش، يېڭى دەۋر بولمىسا، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بولمايدۇ؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بولمىسا، يېڭى دەۋردىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى دەۋردىكى روشەن ئالاھىدىلىك بولۇشى تەبىئىي. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بولمىسا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزممۇ بولمايدۇ.
يېڭى دەۋردىكى ئەڭ روشەن ئۇتۇق تېز تەرەققىي قىلىش بولدى، بۇنىمۇ ناھايىتى چوڭقۇر ھېس قىلىشىمىز كېرەك، ئۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بىلەن تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئىچكى باغلىنىشىنى ئېچىپ بەردى. يولداش دېڭ شياۋپىڭ:‹‹ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش ۋاسىتە، مەقسەت ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈپ، ئىقتىسادىمىزنى راۋاجلاندۇرۇش››، ‹‹بىزنىڭ لۇشيەنىمىز تەرەققىيات لۇشيەنى›› دېگەن. بۇ دېگەنلىك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇش تېگى تەكتىدىن ئېيتقاندا ‹‹جۇڭگونى تەرەققىي قىلدۇرۇش››، يەنى ئىلگىرىكى نامرات، قالاق ئاساسىدا كىيىش، تويۇش، ھاللىق سەۋىيە، ئوتتۇرا ھال تەرەققىي قىلىشنى پەيدىنپەي ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىغا بارغاندا، ئېلىمىزنى باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، زامانىۋىلاشقان سوتسىيالىستىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت.
يېڭى دەۋردىكى ئەڭ گەۋدىلىك بەلگە دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش بولدى. بۇ ھۆكۈمدە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ھازىرقى جۇڭگوغا ئېلىپ كەلگەن تەرەققىياتى ئەمەلىيەت نۇقتىسىدىن نەزەرىيە نۇقتىسىغا كۆتۈرۈلۈپ، يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغان 29يىلدىن بۇيان، پارتىيىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ تۈرتكىسىدە بارلىق نەزەرىيە ۋە خىزمەتلەردە دەۋر خاراكتېرىنى گەۋدىلەندۈرۈش، قانۇنىيەتنى ئىگىلەش، ئىجادچانلىققا باي بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىدەك چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەر شەرھلەندى. دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسىدىن ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيسىگىچە، شۇنداقلا ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىغىچە بولغان بىر قاتار مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئىدىيىلەر پارتىيىمىزنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغاندىن بۇيان، يىلتىزداش ھەم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىگەن نەزەرىيىدە يېڭىلىق يارىتىشىنىڭ مول نەتىجىلىرى ھېسابلىنىدۇ.
پارتىيىمىز يېڭى دەۋردە ئەمەلىيەت ۋە نەزەرىيىدە يېڭىلىق يارىتىشتا، پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا كۆرسىتىلگەن ‹‹ماركسىزملىق ئىدىيىۋى لۇشيەندە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىزم دېگەن نېمە، سوتسىيالىزمنى قانداق قۇرۇش كېرەك، قانداق پارتىيە قۇرۇش، پارتىيىنى قانداق قۇرۇش، قانداق تەرەققىياتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش، قانداق تەرەققىي قىلىشتەك زور نەزەرىيىۋى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەر ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىپ ۋە ئۇنىڭغا جاۋاب تېپىش›› يولىنى بويلاپ ئىزچىل ئالغا ئىلگىرىلىگەن. دەۋر تەرەققىياتى نەزەرىيىدە يېڭىلىق يارىتىشنى مۇراجىئەت قىلماقتا، نەزەرىيىدە يېڭىلىق يارىتىش تارىخىي تەرەققىيات ۋە ئىشلارنى ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ. بىز تەرەققىي قىلىۋاتقان ماركسىزم بويىچە يېڭى ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرساقلا، ماركسىزمنىڭ ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاپ قالالايمىز، نەزەرىيىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتالايمىز.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5– نويابىر تېلېگراممىسى)
|