|
7 –نويابىر چۈشتىن كېيىن 2007- يىللىق چوڭلار مائارىپى بويىچە ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكىنى ئېلان قىلىندى، ئىمتىھان نەتىجىسى ئومۇمىي جەھەتتىن بۇلتۇرقىدىن مەلۇم دەرىجىدە يۇقىرى بولدى.
ئىگەللىنىشچە ، خەنزۇ تىلى، ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا مەخسۇس كۇرستىن تۇلۇق كۇرسقا ئۆرلەش ئىمتىھان بەرگەنلەرنىڭ ئەدەبىيات – تارىخ، جۇڭگو تېبابەت دورىگەرلىك تۈرى، تېببىي پەن تۈرى قاتارلىق پەنلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 150، سەنئەت، يېزا ئىگىلىك ئىلمىي تۈرىدىكى پەنلەرنىڭ نومۇر چېكى105، تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى، ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈرىدىكى پەنلەرنىڭ نومۇر چېكى 100، قانۇنشۇناسلىق، مائارىپشۇناسلىق تۈرىدىكى پەنلەرنىڭ نومۇر چېكى 110 قىلىپ بېكىتىلگەن. ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەر مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلايدىكەن.
بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا چوڭلار مائارىپى بويىچە ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقانلار 43 مىڭ 232 بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 4مىڭ 521 كىشى ئازايغان، پىلان بويىچە قوبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچى 54 مىڭ 710 بولۇپ، پىلاندىكى سان بىلەن تىزىمغا ئالدۇرغانلارنىڭ سانىدا يەنىلا تەتۈر تاناسىپلىق ئەھۋال كۆرۈلگەن.
|