باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ئاشۇرۇش ئۇسۇلىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىغا ئۆزگەرتىش
2007- 11- 09 11:06 شىنجاڭ گېزىتى

   17–قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ‹‹ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، كەسپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك››، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئىلگىرىكى ‹‹ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش››نىڭ ئورنىغا ‹‹ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش›› دەسسىتىلدى. پەقەت بىرلا سۆز ئۆزگەرگەن بولسىمۇ،  ئۇنىڭ  مەزمۇنىدا زور ئۆزگىرىش بولدى، بۇ ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلىشىمىزنىڭ ۋە نەزەرىيىۋى تونۇشىمىزنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇرلاشقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

   ئاشۇرۇش بىلەن راۋاجلاندۇرۇش—زىچ باغلىنىشلىق ئىككى ئوخشىمىغان ئۇقۇم. ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش—بىر دۆلەتنىڭ ئومۇمىي ھاسىلاتىنى ئاشۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم (GDPGNP ) ياكى ئۇنىڭ ئوتتۇرىچە قىممىتى. ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن سىرت يەنە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنىڭ ئۆزگىرىشى (مەسىلەن: كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ مۇۋاپىقلىشىشى، ئىستېمال قۇرۇلمىسىنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشى)، ئىجتىمائىي قۇرۇلمىنىڭ ئۆزگىرىشى (مەسىلەن: ئاھالىنىڭ مەدەنىي بولۇشى، تەربىيىلىنىش دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشى، ئۆمۈرنىڭ ئۇزىرىشى، بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى)، مۇھىتنى تۈزەش ۋە ياخشىلاش، كىرىم تەقسىماتىنىڭ ئۆزگىرىشى (مەسىلەن: ئىجتىمائىي پاراۋانلىقنىڭ ئېشىشى، باي – نامراتلىق پەرقىنىڭ كىچىكلىشى) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ مەزمۇنى تېخىمۇ بېيىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرى قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماي يەنە كەسپ قۇرۇلمىسى، ئېھتىياج قۇرۇلمىسى، شەھەر – يېزىلار قۇرۇلمىسى، رايون قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى، شۇنىڭدەك بايلىق ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىت ھالىتىنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالدى.

   پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگىرىش مەسىلىسىگە ئىزچىل ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. پارتىيە 12–قۇرۇلتىيىدىن پارتىيە 16–قۇرۇلتىيىغىچە ھەممىسىدە ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

   پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىكى تەلەپ بويىچە، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشتە تۆۋەندىكى ‹‹ئۈچنى ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش›› كېرەك:

   بىرىنچى، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتا، ئاساسلىقى، سېلىنما، ئېكسپورتقا  تايىنىپ تۈرتكە بولۇشنى ئىستېمال، سېلىنما، ئېكسپورتقا تايىنىپ ماسلاشتۇرۇپ تۈرتكە بولۇشقا ئۆزگەرتىش كېرەك؛ ئىستېمال، سېلىنما، ئېكسپورتنى ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش رولىنى كۈچەيتىش، كىرىم تەقسىماتى سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، شەھەر – يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەبلەغ سېلىش كۆلىمىنى مۇۋاپىق كونترول قىلىش، مەبلەغ سېلىش قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش، مەبلەغ سېلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تاشقى سودىنى ئاشۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، ئىمپورت – ئېكسپورت قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، تاشقى سودا بىلەن خەلقئارا كىرىم – چىقىمنىڭ ئاساسەن تەڭپۇڭ بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈچ تەرەپنىڭ رولىنى ماسلاشتۇرۇپ جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

   ئىككىنچى، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتا، ئاساسلىقى، 2 – كەسىپكە  تايىنىپ تۈرتكە بولۇشنى 1– ، 2– ، 3 – كەسىپكە تايىنىپ ماسلاشتۇرۇپ تۈرتكە بولۇشقا ئۆزگەرتىش كېرەك. كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، 1 – كەسىپنى مۇستەھكەملەپ، 3 – كەسىپنى زورايتىپ، 2 – كەسىپنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.

   ئۈچىنچى، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتا، ئاساسلىقى، ماددىي بايلىق سەرپىياتىنى ئاشۇرۇشقا تايىنىشنى پەن – تېخنىكىدا ئىلگىرىلەش، ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىشنى باشقۇرۇشقا تايىنىشقا ئۆزگەرتىش كېرەك. بۇ دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرىدىغان ئاچقۇچلۇق تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىلمىي ساپا ھەرىكەت پىلانىنى داۋاملىق يولغا قويۇش، ئەمگەكچىلەرنىڭ پەن – تېخنىكا، مەدەنىيەت ساپاسىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈش، دۆلىتىمىزنىڭ ئادەم كۈچى، بايلىق ئەۋزەللىكىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

   بۇ ‹‹ئۈچنى ئۆزگەرتىش›› تەلەپ قۇرۇلمىسى كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئاساسلىق ئامىل قۇرۇلمىسى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىغا يېڭى مەزمۇن ئاتا قىلىپ، ئۇنىڭغا يېڭى ھەم تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى قويدى، بۇ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشتىكى مۇھىم ۋەزىپە ۋە تۈپ يول.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ