|
پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: پارتىيە 16–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش››مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئەمەلىيىتىدە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي داۋاملىق ئالغا سىلجىتتۇق.
پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ بۇ مۇھىم ھۆكۈمىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشتە،‹‹داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش›› دېگەن ئاچقۇچلۇق بۇ سۆزنى نۇقتا قىلىپ ۋە ئۇنى ئالدىنقى ئىككى ئابزاستىكى ‹‹مەردانە قەدەم تاشلاپ ئالغا ئىلگىرىلەش››، ‹‹دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەش›› دېگەن ئاچقۇچلۇق سۆز بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك، بۇنىڭدىن يېڭى مەزگىلدىن بۇيان پارتىيىمىز رەھبەرلىك قىلىۋاتقان ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ ئىزچىللىقىنى ۋە كۈچ ئۇلاپ ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
بىرىنچىدىن، پارتىيە 16–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيىمىز بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈش، پۇرسەتنى تۇتۇش، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇردى. بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈش دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش››مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ پارتىيە 16–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىك خىزمىتىدىكى ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىك، شۇنداقلا پارتىيە 16–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۇلۇغۋار ئىشى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئەمەلىيىتىدە داۋاملىق ئىلگىرىلىيەلىشىدىكى مۇھىم سەۋەب.
بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈش پۇرسەتنى تۇتۇش، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش بىلەن تەڭ ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئۇلار بىر – بىرىگە زىت كەلمەيدۇ. پارتىيە 16–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان خەلقئارا مۇھىت، ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ جاپالىق، ئېغىر ۋەزىپىسىگە قارىتا، پارتىيە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى يېتەكلەپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسىنىڭ ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە خېيىمخەتەرنى يېڭىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى.
ئىككىنچىدىن، پارتىيە 16–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيىمىز داۋاملىق نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىلمىي تەرەققىيات، جەمئىيەت ئىناقلىقىنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈردى. يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە 16–قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نەزەرىيىدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈزۈمدە، پەن – تېخنىكىدا، مەدەنىيەتتە ۋە باشقا جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىپ، ئەمەلىيەت جەريانىدا داۋاملىق ئىزدىنىپ ئىلگىرىلەش تەلىپى بويىچە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئەمەلىيىتىدە يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرنى ئەتراپلىق تونۇپ، يېڭى پۇرسەت، يېڭى خىرىسلارنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، يېڭى تېما، يېڭى زىددىيەتلەرنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، نەزەرىيە جەھەتتە ئۈزلۈكسىز ئىخچاملاپ، ئادەمنى ئاساس قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرۇش، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇرۇش ئىدىيىسىنى تىكلەش، سوتسىيالىزمنىڭ يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىنى ئورنىتىش، ئىناق مەدەنىيەت بەرپا قىلىش، سوتسىيالىستىك شەرەپ نومۇس قارىشىنى تىكلەش، تىنچ تەرەققىي قىلىش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇش، ئىناق دۇنيا بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيىنىڭ ئىلغارلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئىدىيىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بولۇپمۇ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى بولغان ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى پارتىيىنىڭ ئۈچ ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ تەرەققىيات توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيىسىنىڭ ۋارىسى ۋە راۋاجى بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەردە دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشىنى نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت جەھەتتە يېتەكچى ئىدىيىگە ئىگە قىلدى.
ئۈچىنچىدىن، پارتىيە 16–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيىمىز داۋاملىق ئىدىيىدە ئازاد بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئەمەلىيىتىدە سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تىرىشتى. پارتىيە 16–قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى ئەسىرنىڭ يېڭى باسقۇچىدا تەرەققىياتتا يېڭى تەسەۋۋۇر بولۇش، ئىسلاھاتتا يېڭى بۆسۈش بولۇش، ئېچىۋېتىشتە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى تەدبىر قوللىنىش تەلىپى بويىچە، پارتىيە 16–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيىمىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش ئىستراتېگىيىلىك يۈكسەكلىكىدە سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ئىسلاھات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە، سىياسىي تۈزۈلمە، مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى، ئىجتىمائىي تۈزۈلمە ۋە باشقا جەھەتتىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتلىرىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈردى.
ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن بىللە، پارتىيىمىز يەنە دۆلىتىمىز دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن كېيىنكى يېڭى ۋەزىيەتكە جانلىق ماسلىشىپ، ‹‹كىرگۈزۈش›› بىلەن ‹‹چىقىرىش›› بىرلەشتۈرۈلگەن ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇش جەھەتتە پۇختا قەدەم تاشلاپ، ئېلىمىزنىڭ ئېچىۋېتىش تىپىدىكى ئىگىلىكىنى يېڭى باسقۇچقا يۈكسەلدۈردى. دەل مۇشۇ مەنىدىن پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا پارتىيە 16–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئىشلىرىدا زور ئىلگىرىلەش بولدى، دەپ تەكىتلەندى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 – نويابىر تېلېگراممىسى)
|