|
بۇ يىل 24–ئۆكتەبىر ‹‹ئاي پەرىسى –1›› ناملىق سۇنئىي ھەمراھنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلىشى بىلەن ئېلىمىزنىڭ ئاينى ئايلىنىپ كۆزىتىش قۇرۇلۇشىدا مۇھىم بىر قەدەم تاشلاندى. بۇ پاكىت بىر مىللەتنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئورتاق ئارزۇ، ئېتىقاد بولۇشى؛ بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنى ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆز ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان تەرەققىيات يولى تېپىشى كېرەكلىكىنى يەنە بىر قېتىم مۇنازىرىسىز ئىسپاتلىدى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم مانا شۇنداق ھەم جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان، ھەم دەۋرنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۇلۇغ يول. ئەمەلىيەت پەقەت سوتسىيالىزمنىڭلا جۇڭگونى قۇتقۇزالايدىغانلىقىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭلا جۇڭگونى تەرەققىي قىلدۇرالايدىغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلىدى.
پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا جۇڭگوچە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يولى، جۇڭگوچە يېڭىچە سانائەتلىشىش يولى، جۇڭگوچە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى، جۇڭگوچە شەھەرلەشتۈرۈش يولى ۋە جۇڭگوچە سىياسىي تەرەققىيات يولىدىن ئىبارەت بەش كونكرېت تەرەققىيات يولى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى راۋاجلاندۇرۇشنى تېخىمۇ ئېنىق، كونكرېت يول بىلەن تەمىنلىدى.
ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرۇش—دۆلەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسىنىڭ يادروسى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشتا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك.
سانائەتلىشىش—دۆلەتنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى ئىنتايىن مۇھىم ساھە بولۇپ، خەلق ئىگىلىكى ئومۇمىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. سانائەتلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانىدا، ئوتتۇرىچە بايلىق كەمچىل، مۇھىت ئاجىز، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمى كۈچلۈك بولۇش قاتارلىق پايدىسىز ئامىللارنى تولۇق ئويلىشىش بىلەن بىللە، ئەمگەك كۈچى بايلىقى يېتەرلىك بولۇش ۋە ئىچكى بازار چوڭ بولۇشتەك ئۈستۈنلۈكنىمۇ نەزەردە تۇتۇپ، ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش شەكلىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق كەسىپ قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگونىڭ ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان يېڭىچە سانائەتلىشىش يولىدا مېڭىشىمىز كېرەك.
يېزا ئىگىلىكى ئېلىمىزنىڭ خەلق ئىگىلىكىدە ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش نىشانىغا يېتىشكە مۇناسىۋەتلىك. جۇڭگوچە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا مېڭىشتا يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار مەسىلىسىنى چوقۇم بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. بۇنىڭدىكى باش ۋەزىپە—زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈش. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دېھقانلار تۇرمۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەرخىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ دېھقانلارنىڭ ساپاسى ۋە تەشكىللىنىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
شەھەرلەشتۈرۈش—بىر دۆلەتنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيىسىنىڭ مۇھىم بەلگىسى، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيىلىك كېسىشىش نۇقتىسى. شەھەرلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى تېزلىتىش—جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ، جەمئىيىتىنىڭ تېز، سىجىل ۋە ماس راۋاجلىنىشىغا پايدىلىق.
دېموكراتىيە—جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم نىشانلارنىڭ بىرى، سوتسىيالىزمنىڭ جېنى. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تەرەققىيات يولى دېموكراتىيىنى ئەڭ كەك دائىرىدە نامايان قىلىدۇ. ئۇ جۇڭگونىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن بولۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلقنى ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىش ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكى.
|