|
—پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (6)
‹‹خەلق گېزىتى›› ئوبزورچىسى
جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا يەنە 13يىل قالدى.
پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى پارتىيە 16–قۇرۇلتىيىدا بەلگىلەنگەن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانى ئاساسىدا ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ يېڭى، يۇقىرى تەلەپلەرنى قويۇپ، كۈرەش نىشانىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى، ھەرىكەت يۆنىلىشىنى تېخىمۇ كونكرېتلاشتۇردى، تەرەققىيات پىلانىنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈردى.
پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش—پارتىيىمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ 2020–يىلىغىچە بولغان كۈرەش نىشانى بولۇپ، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە چېتىشلىق، دەپ كۆرسىتىلدى ھەم تۆۋەندىكىدەك بەش تۈرلۈك يېڭى تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى: تەرەققىياتنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ ھەم تېز، ھەم ياخشى تەرەققىي قىلىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش؛ سوتسىيالىستىك دېموكراتىيىنى كېڭەيتىپ، خەلقنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتى ۋە ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيەتكە كاپالەتلىك قىلىش؛ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بارلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىي ساپاسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش؛ ئىجتىمائىي ئىشلارنى تېز يۈكسەلدۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش؛ ئېكولوگىيىلىك مەدەنىيەت بەرپا قىلىپ، ئېنېرگىيە، بايلىق تېجەيدىغان ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىت ئاسرايدىغان كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئېشىش شەكلى، ئىستېمال ئەندىزىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
بۇ يېڭى تەلەپلەر پارتىيە 16–قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن 2020–يىلىغىچە بولغان كۈرەش نىشانىغا ئۇلىنىپ نىشاننىڭ ئىزچىللىقىغا كاپالەتلىك قىلدى ھەم يېڭى ئەھۋال ۋە شارائىتقا ئاساسەن كۈرەش نىشانىنى تولۇقلاپ، نىشاننىڭ قاراتمىلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ مەزمۇنىنى يەنىمۇ بېيىتىپ، تېخىمۇ يۈكسەك، ئۇنىۋېرسال زامانىۋى ئىدىيىنى شەكىللەندۈردى. بۇ پارتىيىمىزنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ۋەزىيەتنىڭ يېڭى ئۆزگىرىشىگە، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئارزۇسىغا ماسلىشىپ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ۋە قانۇنىيىتىنى ئىگىلەشتىكى مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش فاڭجېنى؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشتا چىڭ تۇرۇشتىكى ئاساسىي نىشان ۋە ئاساسىي سىياسەتلەردىن تەشكىل تاپقان ئاساسىي پروگراممىسى.
ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات قاتارلىق تارىخىي مەزگىللەردە پارتىيىمىز خەلقنىڭ ئارزۇسى ۋە ئىشلارنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئاساسەن، خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك، كۈچلۈك تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە كۈرەش نىشانىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى ھەم خەلقنى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا يېتەكلىدى.
مۇشۇ نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ 2020–يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىنسا، جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ ئۇزاق تارىخقا ئىگە، مەدەنىيەتلىك، قەدىمىي، تەرەققىي قىلىۋاتقان سوتسىيالىستىك چوڭ دۆلەت ئاساسىي جەھەتتىن سانائەتلەشكەن، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى كۆرۈنەرلىك كۈچەيگەن، ئىچكى بازار ئومۇمىي كۆلىمى دۇنيادا ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكەن، خەلقنىڭ باياشاتلىق دەرىجىسى ئومۇميۈزلۈك ئۆسكەن، تۇرمۇش سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغان، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى ياخشىلانغان دۆلەتكە؛ خەلقى دېموكراتىك ھوقۇقتىن تېخىمۇ تولۇق بەھرىمەن بولغان، يۇقىرى مەدەنىيەت ساپاسى ۋە مەنىۋى غايىگە ئىگە دۆلەتكە؛ تۈزۈملەر تېخىمۇ مۇكەممەللەشكەن، جەمئىيىتى ھاياتىي كۈچكە تولغان تىنچ، ئىتتىپاق دۆلەتكە؛ سىرتقا تېخىمۇ كەڭ ئېچىۋېتىلگەن، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدىغان دۆلەتكە ئايلىنىدۇ.
بىز پارتىيە 16–قۇرۇلتىيى ۋە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتىكى نىشان، تەلەپلىرىنى تولۇق ئىگىلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا ئاساسەن تەرەققىيات تەپەككۇرى توغرىسىدا بىر تۇتاش ئويلىنىپ، تەرەققىيات پىلانىنى ئۇنىۋېرسال تۈزۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەت، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش تەرەققىياتىغا تېخىمۇ تۈرتكە بولۇشىمىز؛ 1 مىلياردتىن ئارتۇق ئاھالىگە نەپ يەتكۈزىدىغان تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيىدىكى ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشىمىز، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشقا تېخىمۇ پۇختا ئاساس سېلىشىمىز كېرەك.
|