باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، تەشكىلات سىستېمىسىدىكىلەردىن پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى
2007- 11- 08 10:27 شىنجاڭ گېزىتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 – نويابىر تېلېگراممىسى. مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تەشكىلات ئورۇنلىرىدىن مەركەزنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە تەلىپى بويىچە ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لارنىڭ رەھبەرلىكىدە 17– قۇرۇلتاي روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى 17–قۇرۇلتاينىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە تەلىپى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تەشكىلات خىزمىتىنى ئىسلاھات ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، 17–قۇرۇلتاي روھىنىڭ ئىزچىللىشىشى ۋە ئەمەلىيلىشىشىنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

   ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: نەزەرىيىنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرىدىغان ماركسىزملىق ئۆگىنىش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇپ، 17–قۇرۇلتاي روھىنى ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تەتبىقلاش كېرەك. ھازىر ھەر دەرىجىلىك تەشكىلات ئورۇنلىرى مەركەزنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە تەلىپى بويىچە تەربىيىلەش پىلانىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيىلىك كادىرلار بولۇپمۇ ھاكىمدىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ 17–قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش، تەربىيىلىنىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇشى؛ يەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەشنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، نۆۋەت ئالماشتۇرغاندىن كېيىنكى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئىدىيە، سىياسىي قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، يەرلىك پارتكوم رەھبەرلىك بەنزىسىنى كۈچەيتىش، ئىسلاھ قىلىش خىزمىتىدىن كېيىنكى خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى؛ ئىلغارلىق تەربىيىسى نەتىجىسىنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك مۇستەھكەملەپ، يېزا دەرىجىلىك تەشكىلىي پائالىيەتنىڭ سورۇن مەيدانى قۇرۇلۇشى ۋە يېزىلاردىكى پارتىيىلىك كادىرلارنى زامانىۋىلاشقان يىراقتىن تەربىيىلەش خىزمىتىنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشى؛  كادىرلار تۈزۈمى ئىسلاھاتىدىكى  تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى يەنىمۇ ياخشى تۇتۇپ، تەشكىلات تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشى؛ سەرخىل ئىختىساسلىقلار ۋە يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇشى؛ يەرلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش، سايلام خىزمىتىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى داۋاملىق چىڭىتىپ، كادىرلارنى تاللاش، ئىشلىتىش خىزمىتىگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشى؛ ئورۇنلارنى قاتتىق باشقۇرۇپ، ‹‹ئادىل، دۇرۇس بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، كوممۇنىستلارنىڭ ئىلغارلىقىنى مەڭگۈ ساقلاش›› نى باش تېما قىلغان ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ ۋە كېڭەيتىپ، تەشكىلات ئورۇنلىرىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك.
 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ