باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەيدىز ۋروسى بىلەن يوقۇملانغۇچىلار 60 مىڭدىن ئاشقان
2007- 11- 07 13:12 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

(تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى) 

   مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەتنىڭ 2007 - يىللىق ئەيدىز يوقۇمى توغرىسىدىكى مۆلچەر دوكلاتىغا قارىغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەيدىز ۋروسى بىلەن يوقۇملانغۇچىلار 60 مىڭدىن ئاشقان، 1995 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇنجى ئەيدىز ۋروسى بىلەن يوقۇملانغۇچى دوكلات قىلىنغاندىن بۇيان، ئەيدىز ۋروسى بىلەن يوقۇملانغۇچىلار تېز سۈرئەتتە ئاشقان.

   بۇ يىل 9 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا جەمئىي دوكلات قىلىنغان ئەيدىز ۋروسى بىلەن يوقۇملانغۇچىلار 20 مىڭ 890 غا يەتكەن بولۇپ، دوكلات قىلىنغان ئەيدىز ۋروسى بىلەن يوقۇملانغۇچىلار سانى جەھەتتە مەملىكىتىمىز بويىچە 4 - ئورۇندا تۇرىدىكەن، كىشىلەر توپىنىڭ يوقۇملىنىش نىسبىتى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە 2 - ئورۇندا تۇرىدىكەن. ئەيدىز ۋروسى بىلەن يوقۇملانغۇچىلار ياشلار ۋە ئوتتۇرا ياشلارنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئەيدىزگە گىرىپتار بولغانلار 1 مىڭ 256 بولۇپ، 462 سى ئۆلگەن. ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەيدىز يوقۇمى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى 90 ناھىيە، شەھەر، رايونلارغا تارقالغان بولۇپ، ئاساسلىقى ئىلى، ئۈرۈمچى، ئاقسۇ ۋە قەشقەر ۋىلايىتىگە مەركەزلەشكەن، بۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەيدىز ۋروسى بىلەن يوقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ 88 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن، باشقا رايونلاردا يوقۇملانغۇچىلار يىلسىرى ئېشىپ، يامراشقا باشلىغان.

   ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەيدىزنىڭ تارقىلىش يوللىرى زەھەرلىك چىكىملىكنى چىكىشتە شپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، بۇ ئۇسۇلدا يوقۇملانغانلار ئاپتونوم رايونىمىزدا دوكلات قىلىنغان يوقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 77 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن، جىنسىي ئالاقە ۋە سەۋەبىي ئېنىق بولمىغان يوللار ئارقىلىق ئەيدىز ۋروسى بىلەن يوقۇملىنىش نىسبىتى سىجىل ئاشقان بولۇپ، 2006 - يىلى ئايرىم ھالدا 13 پىرسەنت ۋە 16 پىرسەنتكە يەتكەن، ئايال يوقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى تېز ئاشقان بولۇپ، دوكلات قىلىنغان يوقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 21 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن، ئانىدىن بالىغا يوقۇش ۋەزىيىتى كۆرۈنەرلىك ئېغىر بولۇپ، ئانىدىن بالىغا يوقۇش يولى ئارقىلىق يېڭىدىن توغۇلغان91 بوۋاق ئەيدىز ۋروسى بىلەن يۇقۇملانغان، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەيدىز كېسەللىكىدىن مۇداپىئە كۆرۈش، كونترول قىلىشتا ۋەزىيەت ئىنتايىن جىددىي ئىكەن.

 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ