|
يېقىندا ، ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونلۇق سوت مەھكىمىسى ئۆز تەۋەلىكىدىكى ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەردە، قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ، تەشۋىق – تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.
12 ياشلىق شياۋ يۇڭخې ئۇدا ئىككى كۈن، ئۆزىدىن چوڭ بالىلار تەرىپىدىن كەينى- كەينىدىن بۇلاندى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:‹‹ ئۇلار مېنى ئۇچىراتسىلا، مېنىڭدىن پۇلۇڭ بارمۇ -دەپ سورايدۇ، پۇلۇمنىڭ يوقلىقىنى ئۇقسىلا مېنى تېپىدۇ. ئۇلار مېنى بىر قانچە قېتىم ئۇردى›› .
بۇنداق ئىشقا يالغۇز شياۋ يۇڭخېلا ئۇچىرىمىدى. 1993- يىلىدىن 2005 - يىلىغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونىدا قۇرامىغا يەتمىگەنلەر سادىر قىلغان دېلو سانى يىلىغا 13 قېتىم يۈز بېرىشتىن يىلىغا 133 قېتىم يۈز بېرىشكە كۆپەيدى. دېمەك 10 ھەسسىدىن كۆپرەك قاتلاندى. ئۇزۇندىن بۇيان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر دېلوسىنى سوتلاش ۋە تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونلۇق سوت مەھكىمىسى ئۆسمۈرلەر ئۇنىۋېرسال سوت كوللىگىيىسىنىڭ باش سوتچىسى فىڭ جياڭخۇا بۇ ئەھۋالدىن ئەندىشە قىلغان ھالدا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:‹‹ 1993- يىلى ئوغرى، يانچۇقچىلار بىر قەدەر كۆپ ئىدى. ھازىر بۇلاڭچىلىق دېلولىرى بارلىق دېلو ئومۇمىي سانىنىڭ %46 نى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزىلىرى زورلۇق بىلەن بۇلاش دېلولىرى. ئالدىنقى بىر مەزگىلدە، بىز 5 جاۋاپكارغا سوت ئاچتۇق. بۇنىڭ ئىچىدە ئىككىسى قۇرامىغا يەتمىگەنكەن. ئۇلار 13 قېتىم دېلو سادىر قىلغان، بۇنىڭ ھەممىسى بۇلاڭچىلىق دېلوسى›› .
فىڭ جياڭخۇا مۇنداق دېدى:‹‹ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش سانىنىڭ كۆپىيىشىدە جەمئىيەت، ئائىلە، مەكتەپنىڭ ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭمۇ مەسئۇلىيەت بار. بىزنىڭ ئۆز تەۋەلىكىمىزدىكى ئوتتۇرا -باشلانغۇچ مەكتەپلەردە قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيتىنى قانات يايدۇرىشىمىز__مۇئەييەن دەرىجىدە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنى ئازايتىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ، قانۇن جەھەتتىكى تەربىيە ئۇلاردا كىچىكىدىن تارتىپ قانۇنغا ھۆرمەت قىلىدىغان، قانۇندىن قورقۇدىغان ئېڭىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار جىنايەت ئۆتكۈزمەيدىغان بولىدۇ›› .
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرى جاڭ يەن تەڭرىتاغ رايونلۇق سوت مەھكىمىسى قانات يايدۇرغان قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيتىدىن تۇلىمۇ مەمنۇن بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى:‹‹ئۇلار دائىم مەكتەپنىڭ قىزىل گالىستۇكلار رادىئو ئۇزېلىدىن پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارغا جىنايەت ئۆتكۈزمىگەن ئەھۋالدا ئۆز- ئۆزىنى قانداق قوغداش قاتارلىق نوقتىلاردىن چۈشەنچە بېرىدۇ. بىزنىڭچە بۇ ئىنتايىن مۇھىم بىر مەزمۇن›› .
|