باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
17–قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئاساسىي تېما قىلغان زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر زىيارىتىنى باشلىدى
2007- 11- 07 10:51 شىنجاڭ گېزىتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ خەۋىرى: 17–قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى قوزغاش ئۈچۈن، مەركەزدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ئورۇنلىرى 300دىن كۆپرەك مۇخبىرنى ئاجرىتىپ، 17–قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى زىيارەت قىلىش ئۆمىكى تەشكىللىدى. بۇ ئۆمەك 1 – نويابىردىن باشلاپ جايلار ۋە تارماقلارنىڭ 17–قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش ئەھۋالىنى خەۋەر قىلىدۇ.

   تونۇشتۇرۇلىشىچە، بۇ قېتىمقى 17–قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مەخسۇس تېمىدا خەۋەر قىلىش—ئاخبارات تەشۋىقات سېپىنىڭ17–قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەشۋىق قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىرى ئىكەن. زىيارەت ئۆمىكى ‹‹خەلق گېزىتى››، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ‹‹نۇر گېزىتى››، ‹‹ئىقتىساد گېزىتى››، مەركىزىي خەلق رادىئو  ئىستانسىسى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، جۇڭگو خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسى قاتارلىق ئاساسلىق ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، زىيارەت  ئۈچ ئاي داۋاملىشىدىكەن.
 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ