|
—پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (5)
‹‹خەلق گېزىتى›› ئوبزورچىسى
بىر دەۋرنىڭ تەرەققىياتى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئاساسىدىكى ئىدىيە ئۆزگەرتىشنى، نەزەرىيىدە يېڭىلىق يارىتىشنى يېتەكچى قىلىدۇ.
پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى يېڭى تارىخىي پەللىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى راۋاجلاندۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ دەۋر ئارقا كۆرۈنىشى، روھىي ماھىيىتى، ئىلمىي مەزمۇنى، تۈپ تەلىپىنى سىستېمىلىق، چوڭقۇر بايان قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈش، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ تەكىتلىدى ھەم ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزدى.
بۇ پارتىيىمىزنىڭ زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىدىكى ئەڭ يېڭى تونۇشى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئەڭ يېڭى تەلىپى، پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم تارىخىي تۆھپىسى.
ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى—پارتىيىنىڭ ئۈچ ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ تەرەققىيات توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيىسىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى؛ ماركسىزمنىڭ تەرەققىيات توغرىسىدىكى دۇنيا قارىشى ۋە مېتودولوگىيىسىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى؛ ماركسىزم، لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسى بىلەن تومۇرداش، شۇنداقلا دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان ئىلمىي نەزەرىيە؛ ئېلىمىز ئىقتىسادىي، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى مۇھىم يېتەكچى فاڭجېن؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش زۆرۈر بولغان مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئىدىيە. پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىغا ئىلمىي ئورۇن بەلگىلىشى—بىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تېخىمۇ كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنى يارىتىش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن يول ئېچىپ ئىلگىرىلىشىمىزنى ھەرىكەت قىبلىنەماسى ۋە نەزەرىيىۋى ئاساس بىلەن تەمىنلىدى. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە تۆۋەندىكىدەك تۆت جەھەتتىكى تەلەپنى چوقۇم ياخشى ئىگىلەش كېرەك:
باشتىن – ئاخىر ‹‹بىر مەركەز، ئىككى ئاساسىي نۇقتا›› ئاساسىي لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش؛ پارتىيىنىڭ ئاساسىي لۇشيەنى—پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ جان تۇمۇرى، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ سىياسىي كاپالىتى؛ ئىجتىمائىي ئىناقلىق—جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك خۇسۇسىيىتى، ئىلمىي تەرەققىيات بىلەن ئىجتىمائىي ئىناقلىق ئىچكى بىردەكلىككە ئىگە؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش—جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرغاندىلا، ئىلمىي تەرەققىياتقا پايدىلىق تۈزۈلمە، مېخانىزمنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيىدە، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتكەن ۋە ئىلگىرى سۈرگەندىلا، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىشەنچلىك سىياسىي ۋە تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. بىز چوقۇم بۇ تۈپ تەلەپلەرنى چوڭقۇر چۈشىنىشىمىز، توغرا ئىگىلىشىمىز ھەم ئۇنى تەرەققىياتنى كۆزلەشنىڭ توغرا تەپەككۇرىغا، تەرەققىياتنى يۈكسەلدۈرۈشنىڭ سىياسىي تەدبىرىگە، تەرەققىياتقا رەھبەرلىك قىلىشتىكى ئەمەلىي ئىقتىدارغا ئايلاندۇرىشىمىز كېرەك.
ئىلمىي تەرەققىيات جەريانىدا تەرەققىياتنىڭ يېڭى يۈكسىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچساق، ئەمەلىيەت، خەلق ۋە تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان شانلىق نەتىجىلەرنى چوقۇم يارىتالايمىز.
|