|
شىنجاڭ خىمىيە سانائىتى تېخنىك تەربىيىلەش ئىنىستېتوتىنىڭ 10 ئوقۇغۇچىسى 2 – نويابىر ، شىنجاڭ ساياھەت چەكلىك پاي شىركىتى مەزكۇر ئىنىستېتوتتا تەسىس قىلغان روس تىلى كۇرسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ قالدى. بۇ ئوقۇغۇچىلار روس تىلى بويىچە بىر يىللىق كەسپىي تەربىيىلەشتە لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، شىركەت تەرىپىدىن گروزىيىگە خىزمەت ئىشلەشكە ئەۋەتىلىدۇ.
شىنجاڭ خىمىيە سانائىتى تېخنىك تەربىيىلەش ئىنىستېتوتى بىلەن شىنجاڭ ساياھەت چەكلىك پاي شىركىتى شۇ كۈنى، توختام بويىچە تەربىيىلەش كۇرسىدا ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. شىركەت بىر قېتىمدىلا ئىنىستېتوتقا 50 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلىپ،‹‹شىنجاڭ ساياھەتچىلىك ئوقۇش مۇكاپات پۇلى›› تەسىس قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ چىقىشىغا ئىلھام بەردى.
پەن سىجىڭ ئەنە شۇ تەلەيلىك 10 ئوقۇغۇچىنىڭ بىرسى. ئۇ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا، تۇلۇپ - تاشقان ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى:‹‹ بۇ بىر تەستە قولغا كېلىدىغان چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ۋە خىزمەت ئىشلەش پۇرسىتى، گروزىيىدە ئىككى يىل ئىشلەش، چەتئەلگە ئىككى يىللىق ئوقۇشقا چىققان بىلەن دېيەرلىك››.
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنىڭ چەتئەللەرگە يۈزلىنىشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان تېخىمۇ كۆپ كەسپلەر تەسىس قىلىنىپ، چەتئەل تىلىغا ماھىر تېخنىكلار چەتئەللەردە ئىشلەشكە باشلىدى. شىنجاڭ ساياھەت چەكلىك پاي شىركىتنىڭ باش مۇدىرى ۋاڭ ۋېيپىڭ مۇنداق دېدى:‹‹ شىركىتىمىز گروزىيىدە شىرىكسىز شىركەتتىن بىرنى تىزىمغا ئالدۇردى. شۇنىڭ ئۈچۈن، روس تىلىغا ماھىر تېخىمۇ كۆپ كەسپىي تېخنىكلارغا مۇھتاج. بۇ قېتىم شىنجاڭ خىمىيە سانائىتى تېخنىك تەربىيىلەش ئىنىستېتوتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، قەرەللىك مۇددەتتە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلىمەكچى بولدۇق. بۇ بىز ئۈچۈن بىر سىناق. بۇنىڭدىن كېيىن بىز شىنجاڭ خىمىيە سانائىتى تېخنىك تەربىيىلەش ئىنىستېتوتى بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلىمەكچى›› .
|