باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئىدىيىۋى كاپالىتى، كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ئاساسىي تەلىپى ۋە كۈرەش نىشانى
2007- 11- 06 10:19 شىنجاڭ گېزىتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 30–ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى. پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا: ئىدىيىدە داۋاملىق ئازاد بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا كۈرەش قىلىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ تۆت تەرەپ، يەنى يولداش خۇجىنتاۋ 25–ئىيۇن مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدىكى مۇھىم سۆزىدە مۇپەسسەل كۆرسىتىپ بەرگەن ‹‹تۆتتە چىڭ تۇرۇش›› بولۇپ، ئۇنىڭدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئىدىيىۋى كاپالىتى، كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ئاساسىي تەلىپى ۋە كۈرەش نىشانى چوڭقۇر شەرھلەنگەن، ئۇ پارتىيە 17–قۇرۇلتاي باش تېمىسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، بىز ئۇنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشىمىز، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىشىمىز، ئەمەلىيىتىمىزدىن ئاڭلىق ئۆتكۈزۈشىمىز لازىم.

   بىرىنچى، ئىدىيىدە ئازاد بولۇش جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر. ئىدىيىدە ئازاد بولۇش چېكى يوق تارىخىي جەريان. ھازىرقى مىسلىسىز پۇرسەت ۋە خىرىس كۆرۈلگەن يېڭى ۋەزىيەتتە، پەقەت ئىدىيىدە ئازاد بولۇشتا چىڭ تۇرغاندىلا، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يەرشارىلىشىشى ئېلىپ كەلگەن يېڭى پۇرسەت ۋە خىرىسقا ئومۇميۈزلۈك ئىشتىراك قىلىشىنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، دەۋرنىڭ تەلىپى ۋە خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان فاڭجېن، سىياسەتلەرنى توغرا تۈزۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تېخىمۇ كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنى تىرىشىپ ياراتقىلى بولىدۇ.

   ئىككىنچى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. دۆلەت سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان ئەھۋالدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى راۋاجلاندۇرۇش مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۇلۇغ ھەرىكەت، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇش لازىم. ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، تۈزۈلمىنى ئۆزگەرتىشتىكى چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش؛ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر جۈملىدىن كاپىتالىستىك تەرەققىي تاپقان ئەللەرنىڭ ئىلغار تېخنىكىسى ۋە باشقۇرۇش تەجرىبىلىرىنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن ئۆرنەك قىلىش لازىم. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ھازىرقى جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق تاللاش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇقەررەر يول.

   ئۈچىنچى، ئىلمىي تەرەققىيات، ئىجتىمائىي ئىناقلىق جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئاساسىي تەلەپ. ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئادەمنى ئاساس قىلىش، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئومۇميۈزلۈك، ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تىرىشىپ، تۈرلۈك ئىشلار جانلىق بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن، جەمئىيەت ئەزالىرى ئىتتىپاق، ئىناق بولغان تەرەققىياتنى، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش ئارقىلىق ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۆزىنىڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداشتىن ئىبارەت تىنچ تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم. ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، دېموكراتىك بولۇش، قانۇن ئىدارە قىلىش، ئادىل ۋە ھەققانىي بولۇش، سەمىمىي  دوستانە بولۇش، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان بولۇش، تىنچ  تەرتىپلىك بولۇش، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتۈش ئومۇمىي تەلىپى، ئورتاق قۇرۇش ۋە  بەھرىمەن بولۇش پرىنسىپى بويىچە، خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ ئەمەلىي مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، ئومۇمىي خەلق ئۆز ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدىغان، تېگىشلىك نېسىۋىسىگە ئېرىشىدىغان، ئىناق ئۆتىدىغان ۋەزىيەت يارىتىپ، تەرەققىياتنى ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىتقا ئېرىشتۈرۈش لازىم. ئىلمىي تەرەققىيات، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق سوتسىيالىستىك زامانىۋى دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى، ئۇنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇش لازىم.

   تۆتىنچى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ 2020–يىلىغىچە بولغان كۈرەش نىشانى، ئۇ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە باغلانغان. پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا مۇنداق تەكىتلەندى: ‹‹بىز ئىچكى ۋە تاشقى ۋەزىيەتنىڭ يېڭى ئۆزگىرىشىگە، ھەرمىللەت خەلقىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ياشاشتەك يېڭى ئارزۇسىغا ماسلىشىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يۈزلىنىشى ۋە قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، پارتىيە 16–قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانى ئاساسىدا، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ يېڭى ۋە يۇقىرى تەلەپلەرنى قويۇپ، داۋاملىق تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، 2020–يىلىغا بارغاندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت بۇ كۈرەش نىشانىغا يېتىشكە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك››.
 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ